سىمون ئادامس: «مېنى قىزىقتۇرغىنى شۇ پولات سىملار ۋە ئېگىز تاملارنىڭ كەينىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدۇر»

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە غەربتە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورگانلار ۋە كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە يۈزلەنمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى دۇنياۋى مەركىزى» ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئېغىر زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىييۈزلۈك ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى دۇنياۋى مەركىزى» 2008-يىلى فېۋرالدا نيۇ-يورك شەھىرىدە قۇرۇلغان. مەزكۇر ئورگان ئاساسلىقى دۇنيادىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ياكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سىمون ئادامس تىۋىتتېر بېتىگە يوللىغان ئۇچۇرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركىزى» گە قامالغانلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز سىمون ئادامس بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە سىزگە ئوخشاش ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بىز ھەقىقەتەن مەمنۇن بولدۇق.

سىمون ئادامس: بۇ بىر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. مەن ئۆزۈم ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەس، ئەمما ئامېرىكادا ياشايمەن ھەم مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىمەن. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىدىن بەكلا ئەندىشە قىلدىم. مەن نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات (كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى دۇنياۋى مەركىزى) گە نىسبەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چوقۇم تىلغا ئېلىنىشى زۆرۈر بولغان بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. ھالبۇكى، مەن ئۆزۈم ئامېرىكادا ياشايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئامېرىكالىقلارنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇخبىر: سىز قاچاندىن باشلاپ ۋە نېمە ۋەجىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ قالدىڭىز؟

سىمون ئادامس: ئۇيغۇر مەسىلىسى قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بىر تېما ئەمەس. ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭدىن ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىنتايىن ياخشى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولاتتى. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بۇ خىل ئۇچۇرلار تېخىمۇ دەلىل-ئىسپاتلىق ۋە ئىشەنچلىك ھالەتتە توپلىنىشقا باشلىدى. بىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە توپلاش ئارقىلىق خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئېرىشەلىدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش بىر يىل ئاۋۋال باشلانغان ئىش ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنىغا ئۇزاق يىللار بولدى. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يەنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» ھەرىكىتى يۇقىرىقى سىياسەتنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

مۇخبىر: نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان بۇ جاينى «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى»، «قايتا تەربىيە مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيە مەركىزى» قاتارلىق ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئورۇنلارنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىيلارنى سولىغان «جازا لاگېرلىرى» ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى «گۇلاگ» لاگېرلىرىغا ئوخشاش جاي، دېيىشمەكتە. سىزنىڭچە، بۇ ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقىنىدەك نورمال «كەسپىي تېخنىكا مەركىزى» مۇ؟

سىمون ئادامس: ئۇنداق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جايلارنى قانداق نامدا ئاتىغۇسى كەلسە شۇنداق ئاتىسۇن، بۇ مەن ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئەمما مېنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىم شۇ پولات سىملار ۋە قورشاۋ تاملارنىڭ كەينىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدۇر. بىزنىڭ دەپ بېرەلەيدىغىنىمىز، بۇ جاي خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى ئىختىيارىي مېڭىپ يۈرەلەيدىغان، ئەركىن ئازادە ياشىيالايدىغان ئورۇن ئەمەس. شۇنداق جايلاردا تۇتقۇن بولۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياكى پاراۋانلىقى ئۈستىدىن قارار بېرەلەيدىغان سالاھىيەتكىمۇ ئىگە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى مەسىلە زادى نېمە؟

سىمون ئادامس: مېنىڭچە، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ھەم ئېتىقاد جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىقلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇلار پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇقنىڭ بىر چوڭ يوشۇرۇن تەھدىتى،» دەپ قاراپ كەلدى. ئۇلار تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىن ياكى سىياسىي جەھەتتىن بىر تەھدىت، دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئېغىر خاتالىق. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرماسلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن يىللىق ۋە شانلىق ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ، ئۇلارغا قارىتا سىستېمىلىق زىيانكەشلىكنى ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئالدىغا ھوقۇق-مەنپەئەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە نورمال پۇقرا، دەپ قارىشى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك ئىدى.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە مائارىپىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانماقتا. بۇ ھەقتە نېمە ئويلىدىڭىز؟

سىمون ئادامس: شۇنداق، بىر مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئىشلار يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بار. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ماڭا نىسبەتەن بۇ قىلمىش ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئايرىۋېتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئالامەتنى يوقىتىپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان يۇقىرىقى بېسىملىرى ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟

سىمون ئادامس: مېنىڭچە، ئەڭ ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا چىقارغان قانۇن-نىزاملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئۇلار لاگېرلارنى، «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىنى، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بۇ زوراۋانلىقلارنى توختىتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلەرگە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇنى خالىغان ئەھۋال ئاستىدا. مېنىڭچە، خەلقئارا جامائەت ئۇلارغا كۈچلۈك بېسىم قىلىشى كېرەك. بىز خىتاي دۆلىتىنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، كۈچلۈك ۋە مۇھىم دۆلەت دەپ تونۇيمىز. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ چىراغنى ئۆچۈرۈپ، ئىشىك-دېرىزىنى ھىم تاقاپ ئۆز خەلقىگە نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلسا بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلاردەك مۇشۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ئەلۋەتتە، خەلقئارالىق جەمئىيەتمۇ خىتايغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئىزچىل كۈچەيتىشى كېرەك.