سوفىې رىچاردسون: «خىتاينىڭ لاگېر مەخپىي ھۆججەتلىرى ئۇنىڭ جىنايەت پاكىتىدۇر»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوپفى رېچاردسون خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوپفى رېچاردسون خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
REUTERS

18-نويابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنى 24-نويابىر داۋاملىق تۈردە يەنە بىر زور كۆلەملىك يەنىمۇ كونكرېت مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋە مەتبۇئاتلاردا يەنە بىر دولقۇن ھاسىل قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت ئاشكارىلانغان ئالدىنقى قېتىملىق مەخپىي ھۆججەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر سىياسەتلەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى ئاشكارىلانغان بولسا، 24-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار مەخپىي ھۆججەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا قۇرغان لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش، ۋە ئۇنىڭ مۇتلەق مەخپىيلىكىنى ساقلاشقىچە بېكىتىلگەن سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەمدە بۇ سىياسەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە ئېنىق تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىرى بىرلەشمىسىدىكى 14 دۆلەتنىڭ 17 نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جەمئىي 75 مۇخبىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلانغان مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەرگە دائىر تەكشۈرۈش ئاخباراتى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، س ن ن، ب ب س قاتارلىق دۇنياۋى مەتبۇئاتلارنىڭ باش تېمىلىق خەۋىرىگە ئايلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كرىزىس قايتا دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئاخباراتى، ئاشكارىلانغان مەزكۇر ھۆججەتلەردىن باشقا، مۇخبىرلارنىڭ 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 40تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە بىر تۈركۈم ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بىلەن مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى ھازىرغىچە ئېرىشىلگەن مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئاخباراتى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆججەتلەردىكى تەپسىلىي پاكىتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدىكى تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەرىپىدىنمۇ بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، ن ب س، س ن ن قاتارلىق ئاخباراتلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىچە خىتاينىڭ لاگېرلاردىكىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى مۇتلەق مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ھۆججەتلەردىمۇ ئومۇمىي سانغا دائىر مەلۇمات يوقلىغىنى تەكىتلىگەن. ئادرىيان، ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى قايتا مۆلچەرلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باھار پەسلىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشى سانى 900 مىڭدىن 1 مىليون 800 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدە يەنە، لاگېرلارغا ئەكېتىلگەن، تۈرمىگە سولانغان ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، ئادرېسىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىكەن.

ھۆججەتلەر ئىچىدىكى يەكەن ناھىيەسىگە دائىر 2018-يىلى چىقىرىلغان ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيەسىدىكى نوپۇسنىڭ 16 پىرسەنتكە يېقىنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان. يالغۇز قوشئېرىق يېزىسىدىكى «ئەسەبىيلىك بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىككى يېزىدىكى 60 پىرسەنت ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ۋە ئۇنىڭدىن كۆپى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئادرىيان زېنز بۇ ھۆججەتلەردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30-ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەرلەرنى ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۆمەر بېكئالى ۋە ئامېرىكادىكى زۇمرەت داۋۇتلار خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ لاگېر كەچمىشلىرىنىڭ راستلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر بېكئالى مەزكۇر تەكشۈرۈش ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاگېردىكىلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى تەخمىنلەرنى يەنىلا ئەمەلىيەتتىكىدىن جىق ئاز دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

زۈمرەت داۋۇتمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا، ئەمدىكى قەدەمدە دۇنيانىڭ لاگېرلارنى تاقاشقا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇمرەت ئۆزى شاھىت بولغان ۋە كۆرگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا يۇقىرىقى ئاخبارات دوكلاتىدا يورۇتۇلمىغان نۇقتىلارنىڭ يەنىلا كۆپلۈكىنى تەكىتلەپ: «لاگېرنىڭ ئىچىدىكى سىرلار يەنىلا كۆپ. ئەڭ قىسقىسى بىزگە لاگېردا زادى قانداق دورا ئوكۇللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكى، جەسىتىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەسئۈ بۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىش كېرەك، خىتاي بۇلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» دەيدۇ.

24-نويابىر يەكشەنبە كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە «خىتاي بىزنىڭ بىلىشىمىزنى خالىمىدى، بىراق ئۇنىڭ ھۆججەتلىرى ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغان مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدىكى بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن ئىمزا قويغان «دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك مەخپىي تېلېگراممىسى» بولۇپ، بۇ تېلېگراممىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» نى مۇتلەق مەخپىي ساقلاش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىمۇ ئاشكارىلانغان. ھۆججەتتە يەنە لاگېرنىڭ ئىچىدىكى كۆزىتىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى، بىخەتەرلىك نازارەت كامېرالىرى، كۆزىتىش مۇنارلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلارمۇ بار ئىكەن. ھۆججەتتە يەنە لاگېرلاردا تەربىيەگە ماسلاشماي، تىركەشكەنلەرگە «ھۇجۇم خاراكتېرلىك تەربىيە» يۈرگۈزۈش تەلىماتى بېرىلگەن بولۇپ، مانا بۇ لاگېرلاردا مەجبۇرلاش ۋە قىيىن-قىستاقنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ھۆججەت توغرىسىدا توختالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوپفى رېچاردسون خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقىنىنى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر، يالغۇز ئاخبارات ياكى ھۆكۈمەتنىڭ غۇلغۇلا قىلىپ قويۇپلا ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بىر دۆۋە ماتېرىيال بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «مەيلى خىتاي ئۇنى يالغانغا چىقىرىشقا تىرىشسىمۇ بەرىبىر بۇ بىر پاكىت، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئىنتايىن پىلانلىق ۋە قاراتمىلىق، سىستېمىلىق سىياسەت ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ئىسپاتى. بۇ قىممەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەر، پەقەت خىتايغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرلىرىگە ئەمەلىي تەتبىقلانغاندا، بۇ جىنايەتتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا جىنايەت پاكىتى سۈپىتىدە قوللىنىلغاندا ئەھمىيىتىنى تاپىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك.» دەپ كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت