24-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى خەلقئارادا زور ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلار ھەممىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلەپ تارقاتتى. CNN تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى بىرمۇ-بىر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنى زىيارەت قىلدى. ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ CNN تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە ئۇ كۆزدىن كەچۈرگەن بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردە مىڭلىغان ئۇيغۇر يېزا خەلقىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بارلىقىنى ۋە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بىر قىسىم ئورۇنلاردا 50 پىرسەنتكە يېقىن ئائىلىنىڭ ئەڭ غوللۇق ئەزاسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرگە ئائىت نوپۇس ئانالىزلىرىدىن قارىغاندا بۇ تۇتقۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ياشلار ياكى ياش قىزلار ئەمەس. بەلكى 32 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەرلەر بولۇپ، ئۇلار بىر مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىلىرىدۇر، بىر ئۆينىڭ ئېرى ۋە ئاتىلاردۇر.»
ئادرىيان زېنز سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭمۇ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى چىقىرىلغان بىر ھۆججەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ لاگېرلارغا قوبۇل قىلىنغان يۈزلىگەن ‹تەربىيەلىگۈچىلەر›دىن ھېچقانداق بىر كەسپىي ئالاھىدىلىك، ئۇنىۋېرسىتېت دىپلومى تەلەپ قىلىنمىغان. ئۇلارغا پەقەت ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولۇش ۋە خىتايچە سۆزلەيدىغان بولۇش شەرتى قويۇلغان».
CNN تېلېۋىزىيەسى رىياسەتچىسى بەككىي ئاندېرسون پروگرامما داۋامىدا ئادىرىيان زېنزدىن «سىز نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە يازغان ماقالىڭىزدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ پاكىتلارنى رەت قىلالمايدۇ، دەپسىز. سىزچە ئەمدىكى قەدەمدە نېمە بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئادرىيان زېنىز بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىدۇ: «ھازىر پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئۈستەل ئۈستىدە ۋە بۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىنغان ناھايىتى چوڭ بىر خىتاب. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا قىلىنغان بىر چاقىرىق. ئەگەر بىز كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىمىز دەيدىكەنمىز، مانا بۇ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىتتۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ‹كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەندىن ئېغىز ئاچماسلىقىمىز كېرەك. بىز چوقۇم تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك. پاكىتلار سىياسەتچىلەرنى، دۇنيادىكى دىپلوماتلارنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ.»
ئادرىيان زېنزنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىمۇ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۇھىم دېتاللارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا 2015-2018-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋىلايەتتە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 84 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لاگېرلارنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئىنتايىن زور زىيانلارنى سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
25-نويابىر كۈنى يەنە، ئەنگىليەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىدىن BBC رادىيو-تېلېۋىزىيەسىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما تارقاتتى. پروگراممىدا يۇقىرىدىكى بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىلىش لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلار چۈشەندۈرۈلدى. پروگراممىدا ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان، نۇرىي تۈركەل مۇنداق دېگەن: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە دېيىلگەنلەر بىلەن لاگېر شاھىتلىرى بايان قىلغانلارنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىدۇ، ھۆججەتلەر بۇ لاگېرلارنىڭ ناتسىست لاگېرلىرىغا ئوخشاش كۆرسەتمىلەر بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، مانا بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر دۇنيادىكى ھەربىر سىياسەتچى ۋە قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۈستىلىدە بولۇشى كېرەك»
BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا يەنە خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار قانۇنى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس بەن ئېممىرسون زىيارەت قىلىنغان. بەن ئېممىرسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ لاگېرلاردا ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلايدىغان، قاتاردا تىزىلىپ تۇرىدىغان ۋە سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ۋە ھەتتا ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئورۇنلىرى مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش قاتتىق چەكلەنگەن. مەن ھەرقانچە قاتتىق ئىنتىزام باشقۇرۇلىدىغان بىر رېجىمدىمۇ بۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆرۈپ باقمىغان. سىز بۇنداق قاتتىق ئىنتىزامنى دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق ھەربىي تۈرمىلەردىمۇ كۆرەلمەيسىز».
بەن ئېممىرسون سۆزىدە بۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى شەرھلەپ: «بۇ پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە باشقۇرۇلۇۋاتقان جايدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىنى يەرشارىدىكى پەرقلىق بىر مەدەنىيەت بولۇشتىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مۇتلەق ئۆزگىرىش مەيدانىدۇر» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ BBC گە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىگە سادىق ئەمەس،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
24-نويابىر كۈنى» ئەل جەزىرە «تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى خەۋەر قىلدى. پروگراممىدا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئارسالان ئىفتىخار زىيارەت قىلىنغان. ئارسالان ئىفتىخار سۆزىدە: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلار كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا بۇرۇندىنلا مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى. بىراق ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاساسلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ترىلىيون مەبلەغ سېلىپ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئەپسۇسكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاساسەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى سېتىۋالدى. مەسىلەن، تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىقلار ھەممىسى خىتاينىڭ ئەيىبىنى ئاقلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. مانا بۇمۇ خەلقئارا جامائەت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش»
26-نويابىر كۈنى يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھۆججەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنى بىر قانچە جەھەتتىن باھالاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «ئالدى بىلەن بۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دەپ كەلگەنلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ناھايىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ئاندىن بۇ ھۆججەتلەر رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلارنىڭ ئادەتتىكى مۇنداقلا قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىك ئەمەس بەلكى مەقسەتلىك ھالدا ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى. ئۇ يەنە بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يولىدا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00