خىتاي CNN مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.05.08
cnn-uyghur-lager-videosi.jpg CNN مۇخبىرلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم بىر جازا لاگېرىغا يېقىنلاشقاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى توسۇۋالغان كۆرۈنۈشى.
cnn.com

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە مۇئەييەن ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر چەتئەلدىن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بېرىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلەر ئىكەن. ئامېرىكادىكى «سىملىق خەۋەرلەر تورى» (CNN) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش پائالىيىتى دەل مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە بېغىشلانغان.

2017-يىلى قازاقىستاندىن تولى ناھىيەسىگە ماڭغان دىبا خانىم ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەتتە ياشلىق ۋە سەككىز ياشلىق قىزلىرى ئانسىلا ۋە نۇسىلانى ئېلىپ تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىققانچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ يولغا چىققان ۋاقتى ۋەزىيەت ئەڭ ناچارلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كېلىپ قالغان. ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دىبانىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغاندىن كېيىن CNN نىڭ مۇخبىرلىرىغا بۇ ئەھۋالنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن CNN نىڭ مۇخبىرلىرى دىبانى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈشكە ئاتلانغان.

ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان لاگېرلاردا مەھبۇسلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تىل ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ جايلارنى «لاگېر ئەمەس، بەلكى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇ جايلاردىكى «دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغان» كىشىلەرنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

مۇخبىرلار ئەنە شۇ خىلدىكى ئاتالمىش «مەكتەپ» لەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ئالتە شەھەرگە بارغان. ئۇلار بارغانلىكى جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى، ھەر جايدا «ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش» قا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھەر 50-60 قەدەمدە بىردىن كۆزىتىش كامېراسى بولۇشنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى، دوقمۇش-دوقمۇشلاردىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا چىرايى خىتايغا ئوخشىمىغانلىكى كىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن.

ئەمما مۇخبىرلار لاگېرلارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا مەكتەپ دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ جايلارنىڭ تىكەنلىك سىم توسۇق، كۆزىتىش مۇنارى ۋە باشقا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن مەكتەپكە ئەمەس، بەلكى تۈرمىنىڭ نەق ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار بۇ جايدا تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن. مۇخبىرلار بۇ كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ بولغۇچە ساقچىلار بۇ كىشىلەرگە «ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار» دېگەن مەنىدە بۇيرۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىممۇ ئۇلارغا بىر ئېغىز سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مۇخبىرلار تۇرپاندىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» گە بارغاندىمۇ ئوخشاش مەنزىرىنى كۆرگەن. ئۇلار دەرۋازىغا يېقىنلىشىپ بولغۇچە خىتاي ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كەلگەنچە ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغان ھەمدە ئۇلارنى قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە پوپوزا قىلغان. ساقچىلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ئاتالمىش «مەكتەپ» لەرنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا مەركەزلەشكەن.

مۇخبىرلار لاگېرلارنىڭ بوسۇغىسىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن شۇ ۋاقىتلاردا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىسى كرىستى لۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشكەن. روشەن ئابباس سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھاممىسى ۋە ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان قېرىنداشلىرى بىلەن ھېچقانداق خەۋەرلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ھەمدە ھازىرغىچە مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردىن لاگېرغا قامالغانلارنىڭ روھىي جەھەتتە سىياسىي «مېڭە يۇيۇش» قا، جىسمانىي جەھەتلەردىكى تۈرلۈك خورلاشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي ئېھتىياجلاردىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېر سىرتىدىكى سىياسىي نازارەت ۋە كونتروللۇق يېتىشمىگەندەك ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «تۇغقان بولۇش» ئۈچۈن ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىچىدىمۇ نازارەتكە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەندە رىياسەتچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم زاتلارنىڭ ھازىر بۇ جايلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە روشەن ئابباستىن «ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نېمىنى كۈتىسىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا غوللۇق رول ئويناۋاتقان شەخسلەرگە جازا قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس بىلەن CNN مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشى ھەققىدە سۆھبەتلەشكىنىمىزدە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەندەك تاشقى دۇنيانىڭ ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن جايلارنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مۇخبىرلارنى بۇ جايلاردىن چەكلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

روشەن ئابباسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر لاگېرلار مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرى ۋە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋقىران ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەخپىي يۆتكەپ كېتىپ بولغان. بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى بولسا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاشكارا بولۇشى ئېنىق ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پائالىيەتلىرى ئىزچىل قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، CNN مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى لاگېر زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن قايسى دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.