نيۇ-يورك ۋە بوستوندىكى نامايىشلاردا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى تەلەپ قىلىندى
2020.01.28
خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك، بوستون قاتارلىق شەھەرلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئاكتىپلار نامايىش قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدا «ناتسىستلارچە جازا لاگېرى» غا قامالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
نيۇ-يوركتىكى «پاچ نېتۋورك تورى» نىڭ 26-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 25-يانۋار خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى پائالىيەتچىلەر نيۇ-يوركنىڭ فلاشىڭ رايونىدا نامايىش قىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرى كۆپ ياشايدىغان نيۇ-يوركنىڭ فلاشىڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلىشنىڭ زور تەسىر قوزغىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ چاغان كۈنى فىلاشىڭ كوچىسىدا نامايىش قىلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئەزالىرى بار ئىكەن. ئۇلار نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەلۇماتىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ «ناتسىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى» نى تەلەپ قىلغان.
26-يانۋار يەكشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئايلاردىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى يەنى (MIT)نىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نامايىش قىلغان.
مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوكقا يوللانغان بوستۇندىكى 26-يانۋاردىكى نامايىش ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشىدە دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا سۆز قىلىپ، خىتايدا لاگېرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋالنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ۋەزىيىتىدىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 75 يىل ئىلگىرىكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىللە يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش پاجىئەگە يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
مايسەم خانىم 28-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىش ھەققىدە توختالدى.
ئۇ سۆزىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق 21-ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل مىللەت بويىچە «ناتسىستلارچە لاگېرلارغا قامىلىش پاجىئەسى» يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىققا، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يېقىندا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىرغىنچىلىق قىلغان بىرما ھۆكۈمىتىنى جازالاش تەدبىرلىرى ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا مايسەم خانىم يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قارىتا خەلقئارادا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تەدبىر ئېلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، ئالدى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى، لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر خىل يوللار بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1945-يىلى 27-يانۋار كۈنى، ناتسىستلارنىڭ پولشادىكى ئاشۋېتىز لاگېرى ئازاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈن خەلقئارادا «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنىپ، خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ھازىرقىدەك لاگېرلارغا سولىنىش ئەھۋاللىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى.
2020-يىل 27-يانۋار يەنى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان قىرغىنچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، بۇ تارىخنىڭ تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن 27-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى.