ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باقىتئەلى نۇر ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چاپچالدىكى لاگېردا ۋە كېيىن مەخسۇس كېسەل تۇتقۇنلار قامىلىدىغان ئاغرىقلار لاگېرىدا ياتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ 2019-يىلى 8-ئايدا قازاقىستانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سالامەتلىكىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
باقىتئەلى ئۆزى تۇرغان لاگېرنىڭ ئەسلى ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكى، 2015-يىللىرى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنىڭ ئورنىنى ناھىيەدىكى ئۇيغۇر بايلاردىن مەخمۇت قوناخۇن سېتىۋېلىپ، شوپۇرلۇق كەسپىي مەكتىپى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئورۇننىڭ كېيىنچە دائىرىلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ھەتتا مەكتەپنىڭ ئىگىسى بولغان مەخمۇت قوناخۇننىڭمۇ شۇ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
تۈركىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز باقىتئەلىنىڭ ئېيتقانلىرىغا كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ ئوخشىمىغان سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىلەردىكى ئىزدەش نەتىجىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن مۇلاھىزىسىدە سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىلىرىدىن بايقىغانلىرىغا ئاساسىدا مۇنداق يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا قويغان. «ئوخشىمىغان 5 پارچە سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى ئىزدەش نەتىجىسى ئەسلىدىكى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ لاگېردا 700 ئەتراپىدا كامېر بار بولۇپ، 8500 دىن ئارتۇق يەرلىك (ئۇيغۇر ۋە قازاق) تۇتقۇنلار قامالگغان ئىكەن. كۆلىمى 100 مو كېلىدىكەن. لاگېر ئەتراپى ئېگىز تام بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغاندىن باشقا يەنە 6 يەردە كۆزىتىش ئۆيى بار ئىكەن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەر ئەسلى ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 2015-يىلى مەخمۇت قۇناخۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر شەخسكە سېتىپ بېرىلگەن ئىكەن. ئالغۇچى بۇ ئورۇننى شوپۇرلۇق كەسپىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، 2016-يىلى خىتايلار بۇ شوپۇرلۇق مەكتەپنى مۇسادىرە قىلىپ، لاگېرغا ئايلاندۇرغان. لاگېر ئىچىدە شوپورلۇق كۇرسانتىلىرى ئۈچۈن ياسالغان ئىمتىھان مەيدانى ھازىرمۇ بار. بۇ لاگېر ئىچىدە يەنە ‹ئېلېكتر يۇمتاللىرى باغچىسى› نامىدا بىر زاۋۇتنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. يېقىندا ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› ئۇيغۇر بۆلۈمىگە گۇۋاھلىق بەرگەن قازاق شاھىت باقىتئەلى مۇشۇ لاگېردا 20 ئاي يېتىپ چىققان.»
باقىتئەلى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى ئادرېسى ۋە ئورنىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان باشقا ئىدارە-ئورگانلارنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
چاپچال ناھىيەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن قوشۇمچە ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيەنىڭ ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2014 يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدا پۈتۈن ناھىيەدە 193 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، 72 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە شىبەلەر ئىگىلەيدىكەن.
قازاق لاگېر شاھىتى باقىتئەلى چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا جەمئىي 5 لاگېر بارلىقى، جەمئىي 30 مىڭچە ئادەمنىڭ قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنداق ھېسابلىغاندا، بۇ ناھىيەدە خىتاي بولمىغان نوپۇسنىڭ 30 تىن 40 پىرسەنتىگىچە بولغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئىكەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئاڭلىغۇچىمىز يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە لاگېر شاھىتلىرى ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئوخشىمىغان 5 سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن ئىزدەپ ئورنىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەل ئىسپاتلار بىلەن تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شاھىتلار «ئۆلۈم لاگېرى» دەپ ئاتاۋاتقان باقىتئەلى يېتىپ چىققان لاگېر، يەنى چاپچال ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «2018-يىلىدىن 2019-يىلغىچە 10 چوڭ نۇتىلىق ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغانلىقى مەلۇم. بۇ خەۋەر چاپچال ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا يەنە دائىرىلەرنىڭ ناھىيەلەردىكى «قاراتمىلىق تەربىيە» نى يولغا قويۇۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» (يىغىۋېلىش لاگېرلىرى) نى باھالاپ بېكىتىشتە ئۇلارنىڭ قاراتمىلىق تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوينىغان رولى، سىياسەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق 10 خىل ئۆلچەمنى ئاساس قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لاگېر شاھىتلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئۈلگىلىك ئورۇن» قىلىپ باھالانغان بۇ لاگېرنى «خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كىنولاردا كۆرگەن مەنزىرىلەرگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. ئۇ تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان چاپچالدىكى بۇ لاگېرنىڭ قورشاۋ تاملىرىنىڭ 7-8 مېتىر كېلىدىغانلىقى، ھەممە يېرىگە كۆزىتىش كامېرالىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، لاگېرنى تولۇق قۇراللانغان ساقچىلاردىن باشقا، يەنە ئاپشاركا ئىتلار نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ لاگېرغا ئاياللارنىڭمۇ قامالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
0:00 / 0:00