لاگېرلارغا 3 يىل بولغاندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن ماقۇللاش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن رايوندىكى بېسىم سىياسىتىنى تەدرىجىي ھالدا كۈچەيتكەن ۋە تىبەتتە يۈرگۈزگەن زالىم سىياسەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان چېن چۈەنگونى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغانىدى. چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەربىر ئامىلىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» نى شەكىللەندۈردى.

ئارقىدىن ئۇ 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ، ئەينى يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارنى سولىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» نى يولغا قويدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان 3 مىليونغىچە كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، روھىي ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاققا ئېلىندى. بىرقانچە يۈز مىڭلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر نارەسىدەلىرى تىرىك يېتىمغا ئايلاندى. رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىرلىقى ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا لاگېرلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەم قازاقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە گۇۋاھلىق بېرىشىدەك نۇرغۇن پاكىتلار نەتىجىسىدە دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى پائال ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 2019-يىلى 3-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. ئامېرىكادا بىر قانۇننىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىشى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى ناھايىتى سۆيۈندۈرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدىكى قانۇن لايىھىسىنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش قەدەملىرى پرېزىدېنت ترامپ ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىنىشى ۋە ئاندىن قالسا تاجسىمان ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە توختاپ قالغان.

يۇقىرىدىكى بۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى تونۇشتۇرغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن بىرى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا ئۆتكەن 3 يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇلۇق 3 يىل بولغانلىقىنى ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەرنىڭ تېزلىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن 3 يىل خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، قايغۇلۇق 3 يىل بولدى. ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلىرىنى ئەيىبلەش ھەم جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللاندى. مەن 2018-يىلى تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنى ماقۇللاشقا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. بىز كېڭەش پالاتاسى بىلەن ھەمكارلىشىپ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق، ئۇ ئەمدى تېزدىن ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك، شۇندىلا بىز ئۇنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۈستىلىگە قويالايمىز».

2019-يىلى ئاشكارىلانغان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى بولغان. دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىنى داڭلىق تاۋار مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئورۇنلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ زور ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي كارخانىلىرىنىڭ جىنايەتتىن پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. مەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋېرن بىلەن بىرگە تونۇشتۇرغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىمۇ ماقۇللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ قوللىشى ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن».

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە بۇ قېتىم ۋۇخەندىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى، شۇڭا ۋىرۇس كرىزىسى ئاياغلىشىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىشقا كىرىشكەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىلىرىنىڭ تېزدىن ماقۇللىنىشى، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.