نۇرىدىن ئىزاباسار: خىتاي ھاكىمىيىتى كونسولخانىسىغا مۆكۈۋېلىپ ئالدىمىزغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-01-12
Share
نۇرىدىن ئىزاباسار: خىتاي ھاكىمىيىتى كونسولخانىسىغا مۆكۈۋېلىپ ئالدىمىزغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ماھمۇتجان داموللام ۋە نۇرىددىن ئىزباسار بايانات ئېلان قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 8-يانۋار، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان بىگۇناھ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاينى لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە ناھەق سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈشكەن نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر سوغۇق ھاۋاغا قارىماي، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى تىنچ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىغا، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە چاقىرماقتا. لېكىن، خىتاي تەرەپتىن ھېچقانداق جاۋاب بېرىلمىگەن ۋە ھېچكىممۇ بۇ دەۋاگەرلەر بىلەن كۆرۈشمىگەن.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ يىغىلغان، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نامايىشچىلار. 2021-يىلى 8-يانۋار، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

ئەمما، تۈركىيەنىڭ بىرقىسىم سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئىجتىمائىي جەمئىيەت مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ژۇرنالىستلار، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە.

11-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىق قىلدى.

11-يانۋار كۈنى يەنە ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس دوغان، «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» نىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى ژۇرنالىست ئۆمەر خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندىلەر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ ئۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىدى.

ژۇرنالىست ئۆمەر خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇم يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى تىلغا ئېلىپ، كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئۇ سۆزىدە پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتايغا خىتاب قىلىپ، جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، لاگېرلارنى تاقاشقا ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كونسۇلخانا ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتايدىن ھېچ نەرسە ئۈمىد قىلمايمىز، يالۋۇرمايمىز، بەلكى بىزنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ھەققىمىزنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەكىتلەيمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ئارقىمىزدىكى كونسۇلخانىغا مۆكۈنۈۋالغان ھالەتتە بولۇپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، ئالدىمىزغا چىقىپ شۇ ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى ئەرزنامىلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. خىتاي ھازىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر بىزمۇ بۇ كۈرەشنى توختاتمايمىز».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانا ئالدىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى تەبرىكلىدى، رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ بۇ يولدىن ۋاز كەچمەي زالىمغا قارشى كۈرەشنى داۋام قىلىشقا تەشەببۇس قىلدى.

مەخمۇتجان داموللام سۆزىدە يەنە نەچچە مىليونلىغان ئۇرۇق-ئۇرۇق تۇغقانلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىگە، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىش ۋە ئېغىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەخمۇت داموللام سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۆز-ئۇرۇق تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتلىرىدا، خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيە پۇقراسى بولغان ۋە خىتاينىڭ لاگېرىدا تۇتۇلغان سىڭلىسى مەۋلۇدەنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نارازىلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان مەدىنە نازىمى خانىم، سىڭلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەرگە سىڭلىم ئۈچۈن كەلدىم. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى سودا باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 34 ياش، تۆت تىل بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق بىر قىز ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولغان سىڭلىمنىڭ خىتاينىڭ قاراڭغۇ لاگېرلىرىدا تەربىيە ئېلىشقا ئېھتىياجى يوق. سىڭلىم 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لاگېرغا قامالدى، 2019-يىلى مايدا قويۇپ بېرىلدى، بىراق 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ۋە ياشىغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قايتا تۇتۇلدى. شۇنىڭدىن بۇيان سىڭلىمدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىدىم».

مەدىنە نازىمى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شۇنى سورايمەن، تۈركىيەدە ئوقۇش قاچاندىن بۇيان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ؟، خىتاي تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە سەمىمىي بولسا نېمە ئۈچۈن تۈركىيە پۇقراسى بولغان سىڭلىمنى ئۇ يەردە تۇتىدۇ؟، نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا سىڭلىم ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيدۇ؟، ئىلتىماس قىلغان ئەھۋالدا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي 9 كۈندىن بۇيان بۇ يەردە ئىلتىماسنى سۇنماق ئۈچۈن تۇرۇۋاتىمىز. ھېچكىم ماڭا جاۋاب بەرمىدى. خىتاي كونسۇلخانىسى سىڭلىمنىڭ ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇردۇر. سىڭلىمنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن باشقا ھېچ قانداق جىنايىتى يوق. جىيەنىمنىڭ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە خۇشال ياشاش ھەققى بار. تۈركىيە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سىڭلىمنى قۇتۇلدۇرۇپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمەن».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت