خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 2020-يىلى 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل ۋالىيلىقى يولغا قويغان بەشىكتاش ۋە سارىيەر رايونلىرىدىكى پائالىيەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئىستانبۇلدىكى چەكلىمە تۈپەيلى لاگېر قۇربانلىرى 2-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەگە يىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈن 3-فېۋرال خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەتكە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

BBC نىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن BBC نىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىپ چىقارغان خەۋىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، غەزەپ-نەپرىتىمىز تېخىمۇ ئۆرلەپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ پائالىيىتىمىزنى داۋام قىلىشنى قارار قىلدۇق.»
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەغپىرەت ئىمىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىستانبۇلدا ئوقۇيمەن. ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئائىلە نۆۋىتى پائالىيىتىگە ھەر كۈنى قاتنىشىپ كەلدىم. ھازىر ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولۇۋاتقان پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىمەن. دەرىسلىرىمگىمۇ مۇشۇ يەردە قاتنىشىپ، يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا ئىگە چىقىشقا تىرىشىۋاتىمەن. پائالىيەتنى پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئەركىن بىر ھاياتقا ئېرىشكەنگە قەدەر مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمەن. تۈركىيەدىكى پۈتۈن ئىنسانپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋايىمىزغا ئىگە چىقىشىنى، بىز ئۈچۈن قۇلىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيىتى ساقچىلار تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم تارقىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، نەق مەيداندىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى سەۋەبلىك پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 5 كېچە داۋاملاشتى. ساقچىلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پائالىيەت ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلىرىنى تارتىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. بىخەتەرلىك خادىملىرى پائالىيەتنىڭ داۋامىدا مۇخبىرىمىزنى پائالىيەت مەيدانىدىن ئۇزاقلاشتۇردى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ توختىماي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى 6-سېنتەبىر ئەنقەرەگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئەنقەرە چېگراسىدىن ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇلدىكى 17 كۈنلۈك پائالىيىتىنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ چەكلىمىسى بىلەن توختاتقان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.