لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن ئېتىبارەن پائالىيەت باشلىغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بۈگۈن، يەنى 24-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا 23-ماي كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى رەسمىي باشلانغانلىقىنى، بىر ھەپتىلىك زىيارەت داۋامىدا مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت زىيارىتى ئېلىپ بارماستىن ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنىڭ ‹كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش› بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. ئۇلار باياناتىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. ئۇلار تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ «ياخشى» پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن ئېتىبارەن پائالىيەت باشلىغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 23-ماي، ئەنقەرە.

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن 8 ئەتراپىدا لاگېر قۇربانى ياشلار 24-ماي كۈنى تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ بارلىق توسالغۇلىرىغا قارىماستىن، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى قولىدا كۆتۈرگەن ھالدا، شوئار توۋلىشىپ بايانات بەردى. لاگېر قۇربانلىرى نامىدا بايانات بەرگەن مىرزاھمەت ئىلياسئوغلى مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مىشېل باچېلېت خانىم سىز باياناتىڭىزدا دېگەندەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بارغان بولسىڭىز شەرقىي تۈركىستانغا بارماڭ. ئۇ يەردە خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خانىم-قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بالىلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇلارنى كۆرمەسلىككە سالسىڭىز، ب د دە كىشىلىك ھوقۇقى خىزمىتى يوق دېگەنلىك بولىدۇ. سىز ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا قۇلاق سېلىڭ. بىز بۇ يەردە خىتاينىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنى قولىمىزدىكى رەسىملەر بىلەن كۆرسىتىۋاتىمىز. بىزنىڭ 70 ياشتىكى ئاتا-ئانىلىرىمىز لاگېردا ئۆلتۈرۈلدى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز تېخىچە جازا لاگېرلىرىدا سىز بۇلارنى خىتايدىن سوراڭ».

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن ئېتىبارەن پائالىيەت باشلىغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 23-ماي، ئەنقەرە.

مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بەرگەن باياناتىدا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە پرېزىدېنتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەي دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر2017-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا تېخىگىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىسىلەر. ئەگەر دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانلىق بار دېسەڭلار سۈكۈتتە تۇرماڭلار. ھۆرمەتلىك تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى سىلەر ب ت د دە، ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا بىزنىڭ مەسىلىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بارلىق ئۇيغۇرلار خۇشال بولغانىدى. بىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا تىنچلىق يوللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرگىلى كەلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن تۈرك ساقچىلىرى بىزنى توسىدۇ؟ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىدا تۇرسا، ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن خەۋەر ئالالمايۋاتساق ۋەتىنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتى ئۇ يەرگە بارغان تۇرسا، قانداقمۇ ئاۋازىمىزنى چىقارماي ئۆيىمىزدە ئولتۇرالايمىز؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق».

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن ئېتىبارەن نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان لاگېر قۇربانلىرى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغاندىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىغانىدى. بۇ ئۇيغۇر ياشلار بىر يېرىم يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى يېقىنىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ يېقىنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئالالمىغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەغپىرەت ئىمىن نامايىشنى توسۇۋاتقان ساقچىلارغا مۇنداق دېدى: «بىز ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 2 يىلدىن بۇيان ئائىلىلىرىمىز ھەققىدە خەۋەر ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ باشقا ئىشىمىز يوقمۇ؟ بىز پەقەتلا يېقىنلىرىمىز ھاياتتىمۇ؟ ئۆلدىمۇ؟ لاگېردىمۇ؟ ئۇلار قەيەردە؟ بۇلارنى خىتايدىن سورىغىلى كەلدۇق. بىزگە رۇخسەت قىلىڭلار».

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى باشلىغان ئۇيغۇر ياشلار تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەلچىخانىسدىن 100مېتىر ئۇزاقلىققا يۆتكىۋېتىلدى.

بۇ بايانات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى شەنول سۇنات خانىم ۋە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىلەر باشتا كۆپ ساندا پارتىيە رەھبەرلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى. رىدۋان ئۇز ئەپەندى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلدى. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ب د ت دە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. بىز ‹ياخشى› پارتىيە رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

بىز نامايىش جەريانىدا بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى بۇرۇندىن تارتىپ قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە 3 مىليون ئۇيغۇر لاگېردىن قويۇپ بېرىلگۈچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغان بولىدۇ».

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت 23-مايدىن 28-مايغىچە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن ۋە شەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باچېلېتنىڭ بۇ زىيارىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.