27-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىكى بەيازىت مەيدانىدا لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تەشكىللىنىپ، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان جەۋلان شىرمەمەتنى زىيارەت قىلدۇق. جەۋلان شىرمەمەتنىڭ قورغاس ناھىيەلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدە 30 يىل خىزمەت قىلغان، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئانىسى سۈرىيە تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 5 يىل كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. جەۋلان شىرمەمەت ئاپىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىتىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ياش بالىلار بىرلىشىپ بەيازىت مەيدانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئىلىپ باردۇق. بىزنىڭ دەردىمىز ئوخشاش، ھېكايىمىز پەرقلىق. تۈرك خەلقىگە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى بىۋاسىتە ئاڭلاتتۇق. خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، زۇلۇمنىڭ بارلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە يەتكۈزدۇق. پائالىيىتىمىز ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى.»
پائالىيەتكە جازا لاگېرى قۇربانلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا گۈلباھار جىلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تۈرك خەلقىگە بىۋاسىتە ئاڭلاتتى. شاھىتلار جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاق، ناچار مۇئامىلە، ئاياللارغا قارىتىلغان خورلاش ۋە مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرى سىياسەتلىرى تۈپەيلى پارچىلانغان ئائىلىلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاڭلاتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بىز پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە كۆزلىگەن نىشانى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىدىن، جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن قېرىندىشىم خالمەمەت، كۈيۈئوغلىمىز ئابدۇراخمان ۋە تۈركىيەدە ماگېستىرلىق ئوقۇپ قايتقان 6 قېرىندىشىمىز ئۈچۈن نەچچە ۋاقتىن بىرى تورلاردا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئىدىم. ھەممىمىز بىر يەرگە كېلىپ بىللە گۇۋاھلىق بەرسەك، تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز چىقىرىپ، ئۇ يەردىكى ۋەھىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بىۋاسىتە ئىلىپ كەلسەك تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز دېگەن مەقسەتتە تەشكىللەندۇق. ئىككىنچىدىن ‹قايسىسى راست، قايسىسى يالغان؟ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقەتەن زۇلۇم بارمۇ؟› دەپ ئىككىلىنىۋاتقان خەلقىنىڭ ۋە دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىككىلىنىشىگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە مەيدانغا چىقتۇق ۋە بۇ نامايىشنى ئېلىپ باردۇق. مەقسىتىمىز خىتاي ھاكىمىيىتىدىن زۇلۇمىنى دەرھال توختىتىپ، لاگېرلارنى تاقاپ، تۈرمىلەردىكى بىگۇناھ ئىنسانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش. مەقسىتىمىزگە يەتكەنگە قەدەر داۋايىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
مەزكۇر نامايىشقا تۈركىيەدىن ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كۆپلىگەن مۇخبىرلار قاتناشتى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈرك زىيالىيلىرى قاتنىشىپ، ياشلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان داۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەت ھەققىدە خەۋەرلەر ئانادولو ئاگېنتلىقى، «مىللىيەت» گېزىتى ۋە «يېڭى ئاكت» قاتارلىق تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مەمەت ئىلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە پەقەت لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن تەشكىللەنگەن نامايىش بولۇپ باقمىغان ئىدى. بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا كىرگەن ۋەكىللىك شەخسلەردىن تەركىب تاپتى. ‹بۇلار ئائىلەم نەدە؟ بىزنىڭ ئائىلىلىرىمىزنى قويۇپ بەر، ئۇلارغا تەھدىت ساما› دېگەن شوئارلارنى جاراڭلىق ئاۋازدا توۋلىدى. ئەنقەرەدىن ئىلياس دوغان ۋە دەنىزلىدىن قادىر ئاكىنجىغا ئوخشاش شەخسلەرمۇ كېلىپ ئىلھام بەردى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتا ياردەم قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيەدىكى ۋەكىلىنى ئەۋەتىپ، ھەر ۋاقىت ياشلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ياشلارنى ھەر ۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرى تۈزۈلمىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتكەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.
0:00 / 0:00