لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى 28-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ۋەتەن كوچىسىدا نارازىلىق نامايىشى ئىلىپ باردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئىزچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئەسلىدە باكىركۆي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان پائالىيەت ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبلىك ۋەتەن كوچىسىغا يۆتكەلگەن ئىدى. پائالىيەتچىلەردىن ئالىمجان تۇردى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئېلىپ بارغان نامايىش. 2020-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل.

نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن قازاقىستان پۇقراسى گۈلئايشە ئورالباي خانىم يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان دىلشات ئورالباينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ قېرىندىشىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىمنىڭ كىملىكلىرىنى سوراپ بىسىم قىلىۋېتىپتۇ، بىراق مەن بۇنداق بىسىمدىن قورقۇپ قالمايمەن. ھەقىقەت بەرىبىر يېڭىدۇ. قېرىنداشلىرىم ئەركىنلىككە چىققۇچە توختاپ قالمايمەن.»

نامايىش جەريانىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا ھېسسىداشلىقىنى بىلدۈرگەن بىر تۈركىيە پۇقراسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر تۈرك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ياشلارنى ھەر ۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىستانبۇلدا بولغان ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ قىلىۋاتقان داۋاسىنى قوللاش ئۈچۈن نامايىشقا بىللە باردىم. نامايىشتىن كىيىن ئۇلار پاراڭلاشقان بولدۇق. مەقسىتىممۇ ئۇلار بىللە بىللە ئىكەنلىكىمنى، ھەمنەپەس ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئىدى. بۇلار بىر تۈركۈم ياشلار بىۋاسىتە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى بىر تۇغقان قان قېرىنداشلىرى لاگېردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ئۇلارنى لاگېردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرى كوللېكتىپ ھالدا ھېچقانداق ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ ياردىمىسىز قىلىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. تۈركىيەنىڭ شارائىتىدا بۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كىچىككەن. نۇرغۇن چەكلىمىلىكلەر بار ئىكەن. شۇڭا ئۆزلىرىمۇ ئاۋايلاپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ياۋروپادىكىگە ئوخشاش خالىغان شەكىلدە دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرخىل پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشتا چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. ئۇلارغا بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بەردىم. خەلقنى قوزغاش، مۇھىمى ياشلارنى قوزغاش تەكلىپىنى بەردىم. فىرانسىيەدىكى تەجرىبىمىز بويىچە تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدىم. كېلەچەك ياشلارنىڭ قولىدا، ياشلار بۇ خىل ئىشلاردا سەزگۈر ۋە ئاسان ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ياشلارنى قوزغاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جەھەتتىن بىر قىسىم تەجرىبىلىرىمنى ئورتاقلاشتىم.»

لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرى بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاۋغۇست تاكسىم مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىمى بېسىلغان مايكىسى تەتۈر كىيدۈرۈلگەن ۋە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى 6-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا 50 تەك ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.