نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» تەمىنلىگەن «Google Earth Pro» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تارتىلغان.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن لاگېرلارنىڭ 2017-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسا 2018-يىلدىن باشلاپ لاگېرلارنىڭ يېنىغا غايەت زور زاۋۇتلار قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
مەزكۇر ئورۇننىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى: «مۇئەللەقتىن تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان ئاتالمىش ئىختىيارىي تەربىيىلەش، كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە شەكىلدە باشقۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىلا بولۇپ قالماي، خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلغۇسىز ئىسپاتى» دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ بايقاشلىرى، خەلقئارادىكى لاگېرلار ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىئان زېنز، بۇ بايقاشلار ھەققىدە گېرمانىيە BILD ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە تىۋىتتېرىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ لاگېرنىڭ ئىزى تەخمىنەن 72 مىڭ كۋادرات مېتىر، زاۋۇت رايونى (ناھايىتى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان) يەنە 27 مىڭ كۋادرات مېتىر. 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان، بۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ» دەپ يازغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئادرىئان زېنز، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە قارىتا ئانالىزىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ ئالدىدا بايقالغان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر باشقا ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار ھەمدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ھەممىگە مەلۇم. ئاپېلسىن رەڭلىك فورما كىيگەن 1000 دىن ئارتۇق لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر ۋە زاۋۇت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىزىلغان بۇ سۈرەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۆز بىلەن كۆرسىتەلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پاكىت».
دوكتور ئادرىئان ئۆزىنىڭ لاگېر ھەققىدىكى يېقىنقى تەتقىقاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەش دەپ يىغىۋالغان، جازا لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ئورنىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئىسپاتلىق دوكلاتلىرى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارار ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى سىرتىغا قۇرۇلغان ئىككى لاگېرغا ئائىت سۈنئىي ھەمراھ سۈرەت ۋە خەرىتىلىرىدىن يەنە، بۇ ئىككى لاگېرنىڭ ئورنىنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغاندىن سىرت، بۇ لاگېرلارغا بىر كىلومېتىر ئارىلىقتا بىر زور كۆلەملىك قەبرىستانلىقنى بايقىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا 2017-يىلىدا بىر يېڭى قۇرۇلۇش چۈشكەنلىكى، ناھايىتى چوڭ بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياسالغانلىقى ھەمدە ئونلىغان ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى ئېنىق كۆرۈنىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا لاگېرلارنى قۇرغان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارغانلىقى رادىئومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. «شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دا، 2017-يىلى 3-ئايدىن، 2018-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 9 ئورۇندا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاقسۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.
خىتايچە لايىھىلەنگەن دەرۋازىغا «ئاقسۇ شەھەرلىك قەبرىستانلىق» دەپ يېزىلغان بۇ ئورۇن ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىر قانچە كۈنلۈك ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، خىتايچە مەنبەلەردىن 2003-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن بۇ خىتاي قەبرىستانلىقىنىڭ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى» دەپ ۋىۋىسكا ئاسقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ شىركەتنىڭ دەپنە ئىشلىرى، قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك باغچىلارنى ئېچىش ۋە قۇرۇش؛ جەسەت ۋە جەسەت كۈلى يۆتكەش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بار ئىكەن. بۇ جاينىڭ 24 سائەتلىك مۇلازىمەت تېلېفونى ئۇلاندى:
-بۇ ئاقسۇ شەھەرلىك قەبرىستانلىقمۇ؟
-ھە قەبرىستانلىق.
-جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىمۇ مۇشۇ جاينىڭ ئۆزىدىمۇ؟
-شۇنداق، مۇشۇ مۇلازىمەت بىناسىنىڭ ئىچىدە.
-ئورنۇڭلار قەيەردە؟ يېنىڭلاردا كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى بارمۇ؟
-بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. كەچۈرۈڭ.
تېلېفون مۇشۇ يەردە ئۈزۈلدى ۋە قايتا ئۇلانمىدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تور ئېلانلىرىدىن بۇ جايغا تەۋە مەخسۇس جەسەت يۆتكەش ئاپتوموبىل ئەترىتى بارلىقى مەلۇم بولدى. مۇلازىمەت ئېلانى بېرىلگەن مەلۇم بىر شوپۇرنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.
-بۇ ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىمۇ؟
-ھە مەن شۇ شىركەتنىڭ.
-سىلەرگە يېقىن جايدا بىر كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى بارمۇ؟
-بىرى بارغۇ دەيمەن، ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ.
-ئەگەر شۇ بىر كىلومېتىر ئارىلىقتىكى تەربىيەلەش مەركىزىدىن جەسەتنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىشكە، قانچە ھەق ئالىسىلەر؟
-بەش يۈز يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ئېلىنامدىكىن؟، مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئۆزۈم بېرىپ باقمىغان.
بۇ تېلېفونمۇ بىر مىنۇتقا يەتمەي ئۈزۈلۈپ قالغانچە قايتا ئۇلانمىدى.
بۇ جايغا ئەڭ يېقىن ئورۇندىكى، ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش ساقچى باش پونكىتىغا ئۇلانغان تېلېفونغا بىر ياردەمچى ساقچى جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ جاۋابلىرىدىن لاگېرغا بەش يۈز مېتىر ئارىلىقتا بىر خىتاي قەبرىستانلىقى بارلىقى تەكرار دەلىللەندى. ئۇ يەنە ئەگەر لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز ئۇيغۇرلار بولسا ياكى ئىگىلىرى ئۇنىڭ، مۇسۇلمانچە دەپنە قىلىنماي كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ماقۇل كۆرگەن بولسا، مۇشۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى BILDۈردى.
ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتور ۋاڭ توڭمېينىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلاندى. «بۇ ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى شىركىتى» دەپ تېلېفوننى ئالغان ۋاڭ خانىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى:
-مەن بىر نەرسىنى ئېنىقلاي دېگەنتىم، سىلەرگە يېقىن يەردىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆلۈپ كەتكەن جەسەتنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن قانداق يۆتكەش كېرەك؟
-بۇنداق جەسەتلەر ھەممىسى مەخسۇس جەسەت يۆتكەش ماشىنىسىدا يۆتكىلىدۇ، ئۇلار ئەكەپ بەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز بېرىپ مەخسۇس جەسەت يۆتكەيدىغان ماشىنىدا ئۆزىمىز ئېلىپ كېلىمىز. ئەكەپ بولغاندىن كېيىن قانچە پۇللۇقىنى سىلەرگە دەيمىز.
ئۇ بۇ جاۋابلىرىغا ئۇلاپلا خۇددى ئادەتلەنگەن مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى سوراۋاتقاندەك مۇنداق دەپ سورىدى:
-ئۆلگۈچى ئۇيغۇرمۇ؟ خەنزۇمۇ؟
-ئۇيغۇر. ئەگەر ئۇيغۇر بولسا كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن جەسەت ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە قانۇنىي دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈش ھۆججىتىنى چىقىرامسىلەر؟
-سىز ئۇيغۇرما. . . نېمىشقا بۇ تېلېفونغا. . . مېيىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ سوراڭ بۇلارنى.
ئۇ ئەندىكىشتىن كېيىن قويۇۋەتكەن تېلېفوننى قايتا ئالمىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەتەندىكى-ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بەزىلەر يەنە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردا سەۋەبسىز قازا قىلغانلىقى ئەمما جەسەتلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدىمۇ شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا ۋە سوراقتا قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ، جىنايەت پاكىتلىرىنى يوق قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەندەك تۈرلۈك ۋەھىمىلىك گۇمانلارنىمۇ قوزغاپ كەلمەكتە.
ئاقسۇدىكى بۇ ئىككى لاگېر، زاۋۇت، ۋە ئۇلارغا يېقىن جايدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك دوختۇرخانىسى ھەمدە جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى قاتارلىق پارچە-پارچە ئۇچۇرلارنى، بىر-بىرىگە ئۇلاپ مۇلاھىزە قىلغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەنگلىيەدىكى ئېتان گۇدمان كەسكىن ھالدا «بۇ ئىسپاتلاردىن شۇنداق جاۋابقا ئېرىشەلەيمىزكى، بۇلار تامامەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئادەم ئورگىنى يۆتكەش مەنبەسى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى: ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرىگە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنتايىن زور بىر خاتالىق، چۈنكى بۇلارنى بىرلەشتۈرگەندە بىز ئۇزۇندىن بېرى گۇمان قىلىۋاتقانلىرىمىز ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ يەنە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ دەپ كېلىۋاتقان ‹خىتاي ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ› دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكىنىڭ مۇھىم بىر دەلىلى بولالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك تەتقىقاتلىرىمىزدىن شۇلار ئىسپاتلاندىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن يىلىغا 25 مىڭ ئادەم كېچىلەردە چاقىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنچە يوقاپ كەتمەكتە. بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ 5 پىرسەنتىدىن 10 پىرسەنتىگىچە توغرا كېلىدۇ. ئاقسۇدىكى بۇ ئىككى لاگېردا 50 مىڭچە ئىنسان بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەر يىلى ئۇلاردىن 2500 ئەتراپىدا ئادەم تەبىئىي ۋە مەخسۇس ئورگان ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. بۇ ھالدا خىتاي دائىرىلىرى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا چوقۇملا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇر، شۇنداقلا كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان ۋەھىمىلىك بىر نەتىجە».
دوكتور ئادرىئان زېنز بۇ لاگېرلارغا يېقىن جايدا جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى بولۇشىنىڭ ئۆزىدە زور ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز نۇرغۇن ئىسپاتلىق دوكلات ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەرىتە سۈرەتلەر ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىنى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى ئىسپاتلاپ چىققانىدۇق، ئەمدى كۆز بىلەن كۆرەلەيدىغان بۇ سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردىن يەنە لاگېر ۋە يېقىن جايدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بايقىلىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار، بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن قىستاق جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى يوق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى كۈچەيتىدۇ».
دوكتور ئادرىئاننىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇشى بىر تەرەپتىن لاگېردىن چىققان بىنورمال جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىم قائىدىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، بەلكى خىتايلارغا ئوخشاش جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كۆندۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشتەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە زەربە بېرىدىغان، باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ خىتايدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ رادىئومىز تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دەلىللىنىشى ئەمەس. ئىلگىرى رادىئومىز شايار ناھىيەسىگە دائىرىلەرنىڭ 8 مىليون مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، بەزىدە بۇ جايغا ساقچىلارنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ» جەسىتىنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن، مەخپىي ھالدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
0:00 / 0:00