قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» گۇرۇپپىسىدىن 15-فېۋرال بىر جىددىي ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدۇق. قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدە، لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قورۇسىدىكى قوتانغا ئوت كەتكەن. بۇ پەيتتە ئۆيدە تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خالمىرزا خالىقتىن باشقا خالمىرزانىڭ سىڭلىسى بىلەن جىيەنىمۇ ئۇلار بىلەن شۇ ئۆيدە ئىكەن.
بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىغاندا، ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئاددىيغىنا بىر ئوت ۋەقەسى ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ بۇنى قەستەن قويۇپ بېرىلگەن ئوت دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇرسۇنئاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ چېلەكتىكى بۇ ئۆيىگە ئوت كەتكەن پەيتتە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قاتتىق ئۇيقۇدا ئىكەن، ئىشىك سىرتتىن ئارغامچا بىلەن ئاچالماس قىلىپ باغلىۋېتىلگەنىكەن. يولدىشىنىڭ قاتتىق بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىشى بىلەن ئۇلار قوتاندا ئوت كۆيۈۋاتقانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە دەرھال ئويغىنىپ، سىرتقا قېچىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ ئىشىك ئېچىلمىغان، چۈنكى ئىشىك سىرتتىن باغلىۋېتىلگەن. ئوت بارغانچە ئۆيگە يېقىنلاپ تۇتۇشۇپ ماڭغانچە ئۇلارنى قورقۇنۇچ باسقان. تۇرسۇنئاينىڭ ئېرى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن پىچاق ۋە قايچىلار بىلەن ئارغامچىنى كېسىپ جان قۇتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىگەن، قېيىن سىڭلىسى بىرلىرىدىن ياردەم ئىزدەش ئۈچۈن تەمتىرەپ تېلېفون بىلەن ئالدىراش بولغان.
تۇرسۇنئاينىڭ سۆزلە بېرىشىچە، ئۇ بۇ جىددىي پەيتتە 10 ياشلىق جىيەنىنى باغرىغا بېسىپ، «مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمىزمۇ؟ ئەگەر بۇ خىتاينىڭ قەستى بولغان بولسا، مەنغۇ مەيلى ماۋۇ بىگۇناھ ئېرىم، قېينى سىڭلىم، ماۋۇ نارەسىدە بالىدا نېمە گۇناھ؟ بۇلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن.
بەختكە يارىشا ئۇلار ئىشىككە باغلانغان ئارغامچىنى كېسىپ سىرتقا ئۆزلىرىنى ئېتىشىغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلارمۇ يېتىپ كەلگەن ھەم ئوتمۇ ئۆچۈرۈۋېلىنغان. شۇنداق قىلىپ، تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ بالا-قازادىن ئامان قالغان. ھالبۇكى، تېخى لاگېرنىڭ قالدۇرغان جاراھەتلىرىدىن سەللىمازا ساقىيىپ كېتەلمىگەن تۇرسۇنئاي قاتتىق قورقۇپ قايتىدىن ۋەھىمە ئىچىدە قالغان.
ئۆيگە ئوت كەتكەن كېچىدىن باشلاپ ئايالى تۇرسۇنئاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ، ئەندىشە ئىچىگە چۆمگەن خالمىرزا خالىق چېلەكتىكى بۇ ئۆيىنى تەرك ئېتىپ، چوڭ شەھەردە بىر ئاز بولسىمۇ خاتىرجەم بولارمىزمىكىن دەپ تۇرسۇنئاينى ئېلىپ ئالمۇتاغا كېلىۋالغان. ۋەقەدە ئۇلارنىڭ قوتىنى پۈتۈنلەي كۆيۈپ، بىر مىڭ 700 دوللار ئەتراپىدىكى قىممەتكە ئىگە مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانىكەن،
خالمىرزا خالىق ئەپەندى، بۇ قاباھەتلىك كېچىدىكى ۋەقە ۋە ئۇنىڭ باش ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن تەھدىت ۋە باشقا ئىشلارنى باغلىنىشلىقى بار بىر سۇيىقەست دەپ گۇمان قىلماقتىكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، دەل ئوت كەتكەن شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن يانغىنىدا، سېرىكجان بىلەش قۇرغان ئاتا يۇرت تەشكىلاتىغا قارشى خىتايپەرەس كەيپىياتتىكى بىر قازاق كىشىنىڭ «ئايالىڭ ئىككىڭلار ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار» دەپ تەھدىت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرسۇنئايمۇ بىر قانچە قېتىم خىتايدىن كەلگەن بىرلىرىنىڭ تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.
تۇرسۇنئاي بۇ ئىشلارنىڭ يېقىن ئارىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت كېتىش ۋەقەسىنى دەل ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋىزىسىنىڭ ئۇزارتىلغان ۋاقتى توشقان كۈنلىرىگە توغرا كېلىشى قاتارلىقلارغا باغلاپ، ئېھتىمال بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنىڭ توك ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىپ، قەستەن قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىما قىلغان، ئەمما ساقچىلار ھازىرغىچە تۇرسۇنئاينىڭ ئائىلىسىگە ئوت كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئېنىق بىرنېمە دېمىگەن. ھالبۇكى دۈشەنبە كۈنى بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاپ، تۇرسۇنئاينىڭ ئائىلىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئالمۇتادىكى ئىشخانىسىغا كۈتۈلمىگەن يەردىن ساقچىلار بېسىپ كىرىپ، ھەممە جايلارنى ۋىدىيوغا ئېلىپ بىر ھازا پاراكەندە قىلغان ئەمما سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
قازاقىستاندىن تۇغقان يوقلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ 10 ئايغا يېقىن لاگېر ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن لاگېردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا قازاقىستانغا چىققان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغانىدى. «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ئۇرۇق تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان قازاق ۋە ئۇيغۇر ھەمدە باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يىغىپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق، لاگېر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتىكەن.
تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىشى ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىپ پاراكەندە قىلىشى قاتارلىق بۇ ۋەقەلەرنىڭ تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ لاگېرىغا قامالغان بىر تۈركۈم قازاقلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بېرىشى، ھەر تۈرلۈك قىياسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتىكەن.
گەرچە بىر قىسىم قازاق ۋە شۇنىڭدەك ساناقلىق ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى لاگېردىن قۇتۇلۇپ، قازاقىستانغا كېلىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆمەربەك ئالىي، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى قازاقىستاندا ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك باشقا ئەللەرگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانىدى.
گەرچە تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ ئېرى 2011-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارغا قازاقىستان پۇقرالىقى بېرىلمىگەن. ؟ تۇرسۇنئاي پەقەت 3 ئايلىق ۋىزا بىلەن قازاقىستانغا كەلگەن. ئارىدا بىر قېتىم ۋىزىسىنى تەسلىكتە ئۇزارتقانىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى تۇرماق ۋىزا ئۇزارتىش ئىلتىماسىغىمۇ جاۋاب بەرمىگەن بىر پەيتتە، بۇ سىرلىق ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئۇنى تېخىمۇ خاتىرجەمسىز ھالغا چۈشۈرگەن.
0:00 / 0:00