تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈللەر-لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەت (2)

0:00 / 0:00

-لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە گۈلزىرە ئاۋۇلقان بىلەن سۆھبەت

ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تىز پۈكمەس مىڭلىغان قىز-ئايال قەھرىمانلار يېتىشىپ چىققان. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلغان لاگېر شاھىتلىرى بولسا، ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللىرىنىڭ قەيسەر روھىنى قايتا نامايان قىلماقتا.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە قازاق شاھىت گۈلزىرە ئاۋۇلقاننى 8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزنىڭ «تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈللەر» تېمىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى جاسارەتنىڭ سىرلىرىنى، ئاددى بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن دىلىغا پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاڭلاتتى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن بىرگە سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتقۇن ئاياللارنىڭ سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىدەك دەھشەتلىك جىنايەتنى پاش قىلىپ، دۇنيادا غايەت زور ئىنكاس ياراتقان جەسۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ھېچقاچان قەھرىمان بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان، غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە ئۈسۈپ يېتىلگەن قىز ئىدى.

ئۇ 2017- ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا سولانغان، كېيىن قازاقىستان پۇقراسى بولغان يولدىشىنىڭ ياردىمىدە 2019-يىلى سېنتەبىردە قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە قارىماي، لاگېردىكى قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغانىدى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمىدە 2020-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ساناقلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇنئاي، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە پارلامېنتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بېكىتىلىشىگە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە.

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتايدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشىدەك ئەھۋاللار ھەققىدە بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى.

«ئون ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز قىزىم بار مېنىڭ» دېگەن ئاتىسىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى تۇرسۇنئاينىڭ 15 ياش چېغىدا قەلبىگە ئورناپ كەتكەن. تۇرسۇنئاينىڭ غەيرەت-جاسارىتىگە مەسلىكى كېلىپ، دادىسىنىڭ ئەركىلىتىپ ئېيتقان بۇ بۇ بىر جۈملە سۆز، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن تۇرسۇنئاينىڭ ئۆلۈم لاگېرلىرىدا، خىتاي گۇندىپايلارنىڭ ئېغىر قىيىن-قىستاق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارغا ئۇچرىغاندىمۇ ئۇنى بەرداشلىق بېرىشكە، ھاياتتىن، ئادالەتتىن ئۈمىدىنى ئۆزمەسلىككە روھي تىرەك بولغان ئىكەن.

تۇرسۇنئاي لاگېردا قىيىن قىستاقلارغا ئېلىنىش جەريانىدا ئاشقازان ۋە باليالقۇ قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر زەخىملەنگەنلىكتىن چوڭ ئوپېراتسىيەلەر قىلىنىپ پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قالدى. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئۇ ھۆرىيەت قۇچاق ئاچقان ئامېرىكادا ھاياتتىن قانداق خۇشاللىق تېپىپ ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئاياللارغا خاس لاتاپەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن بىرگە يىمىرىلمەس جاسارەتكە ئىگە، بۇ ھايات قەھرىماننىڭ قەيسەر روھى ھەممىمىزگە ئىلھام بولغۇسى.

ئامېرىكادا ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنىڭ پاش بولۇشىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان ئۇيغۇر شاھىتلاردىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن باشقا يەنە بىر قازاق شاھىدمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ قازاق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان.

غۇلجا شەھىرىدىكى لاگېردا 15 ئاي ياتقان قازاق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى، غۇلجىدىكى خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرى جايلاشقان يىدوڭ سانائەت باغچىسىدىكى «جوۋەن كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» نىڭ قولقاپ زاۋۇتىدا، 2018-يىلى قۇللۇق ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ لاگېردا دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر جىنسىي خورلۇقلار، نوپۇس كونترولى، مېڭە يۇيۇش قاتارلىق زۇلۇملاردىن باشقا يەنە قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان شاھىت. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە قازاق قىز-ئاياللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ياكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشتەك سىياسىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ، ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئورۇنلىرى ئىكەنلىكىدەك ئەسلى يۈزىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان ئالدى بىلەن ئامېرىكادىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاياللار ۋە قېرىنداشلارغا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە كۆرسەتكەن ياردەم ھەم غەمخورلۇقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى. ئۇ باشقا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ قەيسەرلىكىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن ئوخشاش زۇلۇملارنى كۆرگەنلىكىدەك تەقدىرداشلىقى ئۆزىنى ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىىنى بىلدۈردى.

گۈلزىرە: «مەيلى ئۇيغۇر ۋە ياكى قازاق ئاياللار بولسۇن ھەممىمىزدە باتۇرلۇق، ئادالەتپەرۋەرلىكىمىز، مېھرىبانلىقىمىز ئوخشاش» دەيدۇ. ئۇ مەيلى يۇرتى كۈنەستە بولسۇن، لاگېردا ياكى قۇللۇق ئەمگەككە سېلىنغاندا بولسۇن «ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللار بىلەن تەڭ يىغلاشتۇق، ئۇلار مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتتى، ماڭا سەن ھامان ئەركىنلىككە چىقىپ قازاقىستانغا كېتىسەن، چىداملىق بول، دەپ ئىلھام بېرىپ، ئۈمىدلەندۈرۈپ كەلدى» دەيدۇ.

گۈلزىرە يەنە: «مەن ئەركىنلىككە چىقىپ قازاقىستانغا چىقتىم، مانا ئەمدى ئامېرىكاغا كەلدىم. ئۇ ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللىرىم ئۆزلىرى چىقالمىغان بولسىمۇ مېنىڭ ئەركىنلىككە چىققىنىمدىن خۇشال بولىدۇ ۋە بىز كۆرگەن زۇلۇملارنى ئاڭلاتسۇن دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا مەن توختىمايمەن. بارلىق قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھەدە-سىڭىللار ئۈچۈن سۆزلەيمەن» دەپ تەكىتلىدى.

ھېچقاچان ئۆزىنى بىر كۈنى مەن قەھرىمان بولىمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان گۈلزىرە يەنە، ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغىنىغا قارىماي لاگېر ۋە قۇللۇق ئەمگەك مەسىلىلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشىگە، ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ قەيسەرلىكى جاسارەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئاخباراتقا، دۇنياغا لاگېردىكى كۆرگەن زۇلۇملارنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمەن. مەن لاگېردىكى ۋاقتىمدا، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ خىتاينى بەك بىئارام قىلغىنىغا شاھىت بولدۇم. ئۇلار بىزگە لاگېر شاھىتلىرىنى قارىلاپ مېڭىمىزنى يۇماقچى بولدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقىدىن پەخىرلەندۇق ئىلھام ئالدۇق. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن ئاخباراتتىن خەلقئارالىق بېسىمدىن قورقىدۇ. شۇڭا ئەركىنلىككە چىقسام مەنمۇ چوقۇم بۇ زۇلۇملارنى ئاڭلىتىمەن دېگەن ئىرادىگە كەلگەن ئىدىم» دېدى.

گۈلزىرە ھازىر ۋاشىنگتوندىكى باشقا لاگېر شاھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىش ۋە پائالىيەتلىرىدىكى ئاكتىپ ئەزانىڭ بىرى بولۇپ قالدى.