لاگېر شاھىتلىرى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدىكى نامايىشىنى باشلىدى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2021-يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىملىك بىر دوكلات ھازىرلاپ چىققان بولۇپ، بۇنى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئېلان قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبلىك ئېلان قىلالمىغان. مەتبۇئاتلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى بەدىلىگە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەنىدى.

ئەمما جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى «مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىنمۇ مۇھىم» دەپ قاراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ ب د ت خادىملىرىنى ئالدايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىشېل باچېلېتتىن خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كېلىشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.

(سولدىن ئوڭغا) لاگەر شاھىتلىرى ئۆمەر بېكالى، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىلوۋا، قەلبىنۇر سىدىق ۋە گوللاندىيەدىن كەلگەن تەرجىمان ئەنۋەر جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا. 2022-يىلى 25-ئاپرەل، شىۋەتسارىيە.
(سولدىن ئوڭغا) لاگەر شاھىتلىرى ئۆمەر بېكالى، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىلوۋا، قەلبىنۇر سىدىق ۋە گوللاندىيەدىن كەلگەن تەرجىمان ئەنۋەر جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا. 2022-يىلى 25-ئاپرەل، شىۋەتسارىيە. (RFA/Ekrem)

ياۋروپادا ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، مىشېل باچېلېتتىن 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن ئېتىبارەن 1 ھەپتە داۋاملىشىدىغان نامايىش پائالىيىتىنى باشلىغان ھەمدە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا مىشېل باچېلېت بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئىلتىماسى سۇنغان. نامايىشقا لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۆمەر بېكالى، قەلبىنۇر سىدىق ۋە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىلوۋالار قاتناشقان.

مەزكۇر نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالى بۈگۈن جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنى بۈگۈن باشلىدۇق، بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى لاگېر شاھىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ب د ت ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا تېرىشىمىز» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ مىشېل باچېلېتتىن 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا بولسا، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مىشېل باچېلېت بىلەن بىرگە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، ب د ت خادىملىرىغا ئۆزلىرى ياتقان لاگېرلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بولسا ب د ت خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كەبى بەزى تەشكىلاتلار يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەمدە 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلانماقتىكەن.