قازاق لاگېر شاھىتى جازىرا ئاسەنقىزى 28-ماي كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1 يېرىم يىللىق جازا لاگېرى ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، خىتاينىڭ لاگېردا دورا ۋە ئوكۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كارغا كەلمەس ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەرد: «مېنىڭ ئىسمىم جازىرا ئاسەنقىزى، شەرقىي تۈركىستان شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي دېگەن جايىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. يېشىم 45تىن 46گە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆزۈم تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدەبىياتچى ئىدىم. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جازا لاگېرىغا قامالدىم. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ-25كۈنى يېرىم كېچىدە قويۇپ بېرىلدىم-2019. يىلى-6ئاينىڭ-10كۈنى زايسان چېگراىسى ئارقىلىق قانۇنىي يول بىلەن قازاقىستانغا كېلىپ، شۇ يىلى كۈزگە يېقىن قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتتۈم».
«خىتاي دائىرىلىرى سىزنى نېمە دەپ ئەيىبلەپ لاگېرغا قامىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان يازغۇچى بولغاچقا ئۆيۈمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەشر قىلىنغان 5001گە يېقىن كىتابىم بار ئىدى. مەن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچقا بىر قانچە قېتىم قازاقىستانغا بېرىپ كەلگەنىدىم. خىتاي مېنى ‹سەن نېمە ئۈچۈن قازاقىستانغا بېرىپ كەلدىڭ؟ ئۇ، تېررورچى بىر دۆلەت. بۇ كىتابلارنى نېمە ئۈچۈن يىغدىڭ؟› دەپ سوراققا تارتتى. باشقا سوئال سورىمىدى».
«جازىرا ئاسەنقىزى خانىم سىز بىر يېرىم يىل جازا لاگېرىدا ياتقانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، ئۇ، يەردە نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز 20 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كامىرىدا ياتتۇق. ھاجەتخانىسى، مۇنچىسىمۇ ئىچىدە بولغان كامېردا، سوغۇق سېمونتنىڭ ئۈستىدە 19 كىشى بىرلىكتە ياتتۇق. مەزكۇر 19 كىشىنىڭ ئىچىدە 19-20 ياشلاردىكى قىزلارمۇ، 60 ياشتىكى ئاياللارمۇ بار ئىدى. بىز تۇرغان كامېردا 60 ياشلىق بىر ئوقۇتقۇچى ئايالمۇ بار ئىدى».
«جازىرا خانىم سىز تۇرغان كامىرىدا ئۇيغۇرلارمۇ بارمىدى؟ لاگېردا نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟ سىزنىڭ بېشىڭىزدىن نېمىلەر ئۆتتى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن تۇرۇۋاتقان جايدا قازاقلار كۆپ بولغاچقا لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپى قازاق ئىدى. مەن تۇرغان لاگېردا 800-600 ئەتراپىدا ئادەم بار ئىدى. ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن تەخمىنەن شۇنچىلىك ئادەم بار دەپ ئويلايمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوندەك ئۇيغۇر، 30 ئەتراپىدا تۇڭگان بار ئىدى. بىزنى لاگېردىن قويۇپ بەرگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنى قويۇپ بەرمىدى. بىر ئىككى ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلگەنىدى. لېكىن بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتا تۇتۇپ كېتىپتۇ. لاگېردا بىزگە بېرىلگەن يېمەكلەر ھايۋانلارغا بېرىلگەن يېمەكلەرگە ئوخشاش ئىدى. بىز ياتقان كامېر قىشتىمۇ يازدىمۇ سوغۇق ئىدى. قىشتا پارنى قەستەن ئېتىۋېتەتتى. زىمىستان قىش كۈنلىرى سوغۇق سۇ بىلەن مۇنچىغا چۈشەتتۇق. كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇياتتۇق. لاگېردا›قاراڭغۇ ئۆز‹دەپ ئاتىلىدىغان بىر كامېر بار ئىدى. بۇ ئەسلىدە جازالاش ئۆيى ئىكەن. ئۇ يەردە›يولۋاس ئورۇندۇق‹دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇندۇق بار بولۇپ، كىشىلەرنى قىيناش ئۈچۈن بۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزاتتى. بىزگە بەزىدە 4-5سائەت ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرەتتى. مەن تۇرغان لاگېر قازاقىستانغا 80 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر لاگېر بولۇپ، جازالار باشقا لاگېرلارغا سېلىشتۇرغاندا يەڭگىل ئىكەن. مەن لاگېردىن چىققاندىن كېيىن باشقا جايلاردا لاگېردا يېتىپ چىققان كىشىلەر بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلار ئۇچرىغان جازالارنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى دېسەم بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىرمۇ خىتايدا، چەتئەلگە چىقالمىدى».
«باشقا نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جازىرا ئاسەنقىزى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزگە دەرس بەرگەن مۇئەللىم ‹بىز قاچان چىقىمىز؟›، ‹بىزنى نېمىشقا سوغۇق جايدا ياتقۇزىدۇ؟ بىزنىڭ تاماقلىرىمىز نېمىشقا ناچار؟›دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە‹بۇ يەردە بۇ ئۈچ سوئالنى سوراش چەكلەنگەن، سورىماڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ‹سىلەر جېمىنەيدىكى لاگېردا تۇرغانلىقىڭلارغا خوش بولۇشۇڭلار كېرەك› دەيتتى. دېمەك باشقا جايلاردىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەك ئېغىر ئىكەن. بىزمۇ بەك قىينالدۇق. ئەتىگەندىن كەچكىچە شى جىنپىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىنى تېلېۋىزوردىن مەجبۇر كۆرسىتەتتى. بولۇپمۇ ھەر كۈنى شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى كۆرسىتەتتى. بىز دەرس بەرگەن مۇئەللىملەر بۇ خەۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ‹ئافرىقا دۆلەتلىرى بەك نامرات، بىز ئۇلارغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز ئافرىقىنى خىتايلاشتۇرۇش. ئافرىقىلىقلار بىلەن توي قىلىپ ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. سىلەر خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭلار، كەلگۈسىدە دۇنيادا پەقەتلا خىتاي تىلى بىلەن خىتاي پۇلى ئىشلىتىلىدۇ. خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەڭلار پايدىسىنى كۆرىسىلەر› دەيتتى».
‹سىز لاگېرغا كىرىپ چىققاندىن كېيىن سىزدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟› دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «لاگېرغا كىرىپ چىققانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنتۇغاقلىق بار ئىكەن. مەن بىناغا كىرگەندە 1-قەۋەت بىلەن 2-قەۋەت ئوتتۇرىسىدا ئېزىپ قالىمەن. مەن بازارغا كۆكتات ئالغىلى چىققاندا چوقۇم بىرى مېنى ئېلىپ چىقىشى كېرەك. مەن ئەدەبىياتقا قىزىقاتتىم، بۇرۇن 1500 ئەتراپىدا كىتابىم بار ئىدى. بۇرۇن قازاقىستانلىق يازغۇچى مۇختار شاخانوف، مۇكاگالى ماكاتايەف ۋە مارالتاي قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا بىلەتتىم. ھەتتا قايسى شېئىرنىڭ قايسى بەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم. ھازىر بىر مىسرا شېئىرمۇ يادىمدا يوق. خىتاي دورا بېرىپ كاللىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلدۇرغان ئوخشايدۇ. بۇ ئەھۋال لاگېرغا كىرىپ چىققان ھەممە ئادەمدە كۆرۈلۈۋېتىپتۇ. بىزنى ئىشقا قىزىقمايدىغان داۋاملىق ئۇيقۇسى كېلىدىغان، لاگېردا يادلاتقان ۋە كۆرگەن ئىشلاردىن باشقا ھېچقانداق ئىش يادىدا يوق، لەقۋا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. قازاقىستان خەلقئارا قانۇنىي ياردەم گۇرۇپپىسى دەپ بىر ئورگان بار. بۇ تەشكىلات ھازىرغىچە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان 50 ئەتراپىدا كىشىنى دوختۇرغا كۆرسەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇيى ئۆزگىرىپ قورققاق، ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتكەنىكەن. مەنچە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي لاگېردا بىزگە بەرگەن دورا، ئۇرغان ئوكۇللاردىن بولغان بولسا كېرەك».
جازىرا ئاسەنقىزى لاگېردىن قۇتۇلۇپ قازاقىستانغا چىقالىغان يۈزلەرچە لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىر قازاقىستاندا پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلماقتا.