لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان: «خىتاي ساقچىلىرى غۇلجىدىكى پالەچ دادامنى تۇتىمىز، دەپ تەھدىت قىلماقتا»

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە خىتاينىڭ غۇلجىدىكى لاگېرىدا 15 ئاي ياتقان، كېيىن غۇلجىدىكى مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ۋاقىتنى قوشقاندا لاگېردا 2 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى يېقىندا قازاقىستاندىن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىنكاس يوللاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلغۇزۇپ، تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى گۈلزىرە خانىمغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە غۇلجىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا ئۇنىڭ غۇلجىدىكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ، ئەگەر گۈلزىرە خەلقئارا تاراتقۇلارغا لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاشكارىلاش قىلمىشىنى توختاتمىسا ئۇنىڭ غۇلجىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق 19 يىلدىن بۇيان پالەچ ھالەتتە قالغان ياشانغان دادىسى ئاۋۇلقان يىلقىباينى لاگېرغا قامايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

گۈلزىرە خانىم يەنە ئۆزىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ 2 يىللىق لاگېر ھاياتىدا كۆرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن غۇلجىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ تەھدىتتە قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۈلزىرە مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى گۇۋاھلىق بەرمىسۇن دەپتۇ. مېنىڭ دادام مېيىپ 19 يىل بولدى، تەرىتى ئورنىدا. ئېرىمنىڭ بارلىق تۇغقانلىرىنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنغان. ئۇلار ھازىرچە تېخى لاگېرغا قامالغىنى يوق. ئەمما تۇغقانلار ھازىر مېنى ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلىدىڭ دەپ مېنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەمما لاگېردىكى ئىككى يىل جەريانىدا مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇم تارتىۋېلىندى. ئۇلارنىڭ قامىغىنى يالغان ئەمەس. مەن لاگېردا ياتقان ئىككى يىل ئىچىدە كۆرگەن خورلۇقلىرىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ھازىر تۇغقانلىرىمغا سىلەرنى كېپىللىككە ئېلىپ قالغان، گۈلزىرە تىنچ يۈرسۇن دەپ تۇغقانلىرىمغا تەھدىت سېلىۋېتىپتۇ.»

غۇلجىدىكى خىتاي ساقچىلىرى يەنە گۈلزىرەنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭغا بېسىم قىلغان.

گۈلزىرە خانىم ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئىككى كۈن ئاۋۋال قازاقىستاننىڭ چېلەك رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، ئىنىسىنىڭ ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ، يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۇنى تىنچ يۈرسۇن دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلزىرە خانىم يەنە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن رەنجىشى ۋە ئەندىشىسىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئېرى، كىچىك قىزى ۋە ئۆزىدىن باشقا ئىككى ئائىلىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلىدا قالغان. ئىلىدا قالغان چوڭ قىزى قۇندۇزئاي تۇرسۇن بۇ يىل 21 ياشتا بولۇپ، ئۇمۇ خىتاي لاگېرىدا 7 ئاي تەربىيەلەنگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئۇ يەنە ئېرى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ۋە قىزىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈش تەلىپى ھازىرغا قەدەر قوبۇل قىلىنماي كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قازاقىستاندىمۇ بىخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى، «مەن خاتىرجەم ئەمەس، ھەر قېتىم گۇۋاھلىق بەرگىنىمدە ئەلۋەتتە قورقىمەن مېنى قايتۇرۇۋېتەرمۇ دەپ. چۈنكى ئېرىم قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، قازاقىستان ھۆكۈمەت ئادەملىرى مېنىڭ ۋە كىچىك قىزىمنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈش تەلىپىمىزنى تېخى تەستىقلىمىدى. ئۇلار ماڭا ساقلاڭ ھەل بولىدۇ دېگەن جاۋابنىلا بەردى. خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ تېلېفونۇمنى بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇردۇم. خىتاي ساقچىلىرى مېنى قورغاسقا ئەكېلىپ ئۆزلىرى يولغا سالغان چېغىدىمۇ مېنى تاراتقۇلارغا لاگېردىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ۋەدىنامە يازغۇزغان ۋە يۇرتتا قالغان تۇغقانلىرىمدىن دادام ۋە چوڭ قىزىم قاتارلىقلارنىڭ كېپىللىككە ئېلىپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.»

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا گۈلزىرە خانىم ئۆزى ۋە تۇغقانلىرىغا كېلىدىغان تەھدىت ۋە خەتەرلەرنى بىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ، رادىيومىزغا ئۆزىگە كەلگەن بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى ئاشكارىلىشىغا ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە خىتايدىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دائىرىلەر تۇغقانلىرىم ئارقىلىق ماڭا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ھازىر تۇغقانلىرىم بىلەن مېنى ئۆز-ئارا قارمۇ-قارشى قويۇپ ماڭا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. تۇغقانلىرىمغا مېنى تىللىتىۋاتىدۇ. غۇلجىدىكى قىزىم بولسۇن، باشقا تۇغقانلىرىم بولسۇن ھەتتا بۇ يەردىكى تۇغقانلىرىم ھەممىسى مېنى تىللايدۇ. ئەمما مەن توختاپ قالالمايمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى قوغداش ئۈچۈن بىر كۈن بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالاي دەپ، ئۇلارنىڭ ھېچنېمىنى ئاشكارىلىمايسەن دېگەن تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بارمىقىمنى بېسىپ ۋەدە بېرىپ ئۇ دۆلەتتىن ئايرىلدىم. ئەمما مەن يەنە ئۇ يەردە قالغان خەلقنى قۇتقۇزۇش، تۇغقانلىرىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى قوغداشنى مېنىڭ ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىم ۋە ھوقۇقۇم دەپ بىلىمەن. شۇڭا ھازىر مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم چەتئەللەردىكى ئاخباراتچىلار، تاراتقۇلار ۋە مۇخبىرلار دەپ بىلىمەن. چۈنكى ئەھۋالىنى خەلقئاراغا ئاڭلاتقىنىمىزدىلا ئاندىن لاگېرلارنى تاقاش مۇمكىن دەپ قارايمەن.»

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2019-يىلى4-ئاينىڭ 30-كۈنى يۇتۇب قانىلىدا، غۇلجا شەھىرىدىكى لاگېردىكى 2 يىلدىن ئارتۇق تۇتقۇنلۇق ھاياتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى يەنە بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېردا كۆرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان. ئۇ رادىيومىز مۇخبىرىغا، ئۆزى لاگېرغا قامالغان مەزگىلىدە ئەينى لاگېردىكى ئۇيغۇر-قىز ئاياللىرىنىڭ بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىپ كېيىن قايتىپ كەلمىگەنلىكى، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ھەر كۈنى 14 سائەتتىن ئارتۇق ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقى، لاگېرغا قامالغانلارغا چوشقا گۆشىنى «تۇغقانلار تامىقى» ياكى «دوستلار تامىقى» دەپ مەجبۇرىي يېگۈزۈلىدىغانلىقى، كېيىن ئۆزىنىڭ لاگېر ئىچىدىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ۋاقتىدا ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەتلەپ ئىشلىگەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغانىدى.