خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرنى «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى تۈركۈملەپ قامىغانلىقى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارنىڭ «ئەسەبىي ئىدىيەلەردىن ئازاد بولۇپ، كەسپىي-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكى» ھەمدە «تەربىيەلىنىپ لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى» نى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتى بىلەن توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە «ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىدىن ئازاد بولغاندىن كېيىن كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر» ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرنەچچە قىسىملىق چاتما خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرنىڭ بىرىدە غۇلجا شەھىرىدە 2017-يىلى قۇرۇلغان «ۋەنفۇ» پەلەي زاۋۇتىنىڭ گۈلگىنە ئىسىملىك ئىشچىسى زىيارەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆز تىلى ئارقىلىق «تەربىيەلەش مەركىزى» دە كەسپىي ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەپ تۆھپە يارىتىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

چاتما خەۋەرنىڭ يەنە بىرىدە بولسا كىچىكىدىن تىككۈچىلىك ھۈنىرى بار مەۋلانجان مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى شىركىتىنىڭ كىيىم تىكىش سېخىدا كېسىمچىلىك سېخىنىڭ مۇدىرى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مەزكۇر چاتما خەۋەرلەردە يەنە بۇ ئىككىيلەننىڭ بايانلىرى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىق سۆزلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا توختىماي بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى خەلقئارادا جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيەلەنگەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان «زاۋۇت-فابرىكىلار» نىڭ ئەسلىدە خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ۋەيران بولغان زاۋۇت-فابرىكىلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ خىل زاۋۇتلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرتىغا ۋە ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئىكېيا، تارگىت، كاتتون، H&M قاتارلىق شىركەتلەردىكى كىيىم-كېچەك ۋە توقۇلما بۇيۇملارنىڭ زور كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان بۇ خىل ئاتالمىش «زاۋۇت-فابرىكا» لىرىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرغا قامالغانلارنى ئاتالمىش زاۋۇتلارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنى بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالغانلىقى ئېلان قىلىنغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» نىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئاتالمىش زاۋۇتلىرى ھەققىدىكى ماقالىدە گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش زاۋۇت-فابرىكىلار ھەققىدىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى پاكىتلاردىن شىنجاڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان پىلانى ئاشكارىلاندى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بويىچە قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا نازارەت ئاستىدا ئىشلىمەكتە،» دەيدۇ. ئادرىيان زېنز يەنە «ئۇلار ھازىر تەدرىجىي ھالدا تۇتقۇن ھاياتىدىن زاۋۇتلاردا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ كونترول قىلىنىش ئوبيېكتلىرىغا ئايلاندۇرۇلماقتا،» دېگەن.

ئادرىيان زېنز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار، يەنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر ھەر بىر ئادەمنى نازارەت ۋە كونترول ئاستىغا ئالماقتا. ئۇلار لاگېرغا قامالغانلارنىلا ئەمەس، بەلكى لاگېر سىرتىدىكىلەرنىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.»

يېقىندا خىتايدىكى لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن شاھىتلاردىن قازاقىستاندىكى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىمۇ يېقىندا خەلقئارا تاراتقۇلار، جۈملىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزنىڭ بۇ خىل ئاتالمىش «زاۋۇت-فابرىكا» لاردا ئۆتكۈزگەن ئازابلىق كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە خىتاينىڭ غۇلجادىكى لاگېرىدا 15 ئاي ياتقان. كېيىن غۇلجادىكى مەلۇم لاگېردا قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا 7 ئايدىن ئارتۇق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىكەن.

گۈلزىرە ئۆزىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۇتۇپ قېلىنىپ، لاگېر ئىچىدىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئىش ھەققى ئايدا 600 يۈەن بېرىلىدۇ دېگەن توختام بىلەن ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئىشلىگەنلىكىنى، ئۆزلىرى تىككەن خىرۇم پەلەيلەرنىڭ چەئەتللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

گۈلزىرە بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى لاگېردا ۋە لاگېر ئىچىدىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىككى يىلنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەسلەشنى زادىلا خالىمايدىغان ئەڭ پاجىئەلىك چاغلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلزىرە يەنە ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن تەشۋىقات خەۋىرىدە زىيارەت قىلىنغان گۈلگىنە ئىسىملىك ئىشچىنىڭ دەل ئۇنىڭ غۇلجادىكى لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلىگەن مەزگىلدىكى ياتاقدىشى، سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گۈلگىنە نازارباي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلزىرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى گۇرۇپپا باشلىقى ۋە ياتاقدىشى بولغان گۈلگىنە نازارباينىڭ خىتاي مۇخبىرىغا قىلغان ئاتالمىش «قەلب سۆزلىرى ۋە مىننەتدارلىقى» ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا قىلغان سۆزلەر ئىكەن. گۈلزىرە ئۆزىمۇ غۇلجادا تۇتقۇندا تۇرغان 2 يىل مەزگىلىدە بۇ خىل يالغان «مىننەتدارلىق ۋە ۋەدىلەر» نى كۆپ قېتىملاپ سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.