بىر ئۇيغۇر لاگېر شاھىتىنىڭ بايانلىرى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسىنى چۆچۈتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.10.26
lager-shahit-germaniye-lebiral-2.jpg لاگېر شاھىتلىرى گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مىچائەل براند(Michael Brand) ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 2-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

بىر لاگېر شاھىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مىخايىل بىراندىنى قاتتىق چۆچۈتكەن.

مىخايىل بىراندى ئۆزىنىڭ بۇ چۆچۈش پىكىرلىرىنى 23-ئۆكتەبىر گېرمانىيە ھېسسەن ئۆلكىسىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «ھېسسېن كۆزنىكى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاي رۇسىيەدىنمۇ خەتەرلىك» ماۋزۇلۇق بىر زىيارەت خاتىرىسىدە تەكىتلىگەن. بۇنىڭدا خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىخايىل بىراندى زىيارەت قىلىنغانىدى.

«خىتاي رۇسىيەدىنمۇ خەتەرلىك» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە «سىز خىزمەت جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلار بىلەن ئۇچراشتىڭىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە خرىستىئان مۇرىتلىرى، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بار. بىر قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ سىزنى قاتتىق چۆچۈتكەنلىكىنى ئېيتتىڭىز» دېگەندەك سوئال قويۇلىدۇ.

مىخايىل بىراندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ ئاتالمىش‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرى› دىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىم ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. ئويلاپ بېقىڭ، بىز 2022-يىلى توغرىلىق گەپ قىلىۋاتىمىز. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇشۇنداق لاگېرلاردا تەجرىبە قىلىنماقتا. مەن ئۇ ئايالدىن، كىشىلەر بۇ لاگېرغا دەسلەپتە سولانغاندا نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ئايال بولسا، تۇنجى قېتىم لاگېرغا سولانغان تۇتقۇنلارنىڭ دەسلەپتە چاچلىرى چۈشۈرىۋېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا تۇتقۇنلارنىڭ فورمىسى كىيدۈرۈلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ غايىب بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى پەقەت نومۇر بىلەنلا چاقىرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى».

مىخايىل بىراندىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا زور كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بىر شەخس بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەتبۇئاتقا قىلغان مەزكۇر سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى گېرمانىيە خەلقىگە بىلدۈرۈشتە بەلگىلىك تەسىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ جېنىغا تەككەندىن كېيىن، دەل خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ خىتاينى تېخىمۇ بىئارام قىلغانلىقى، يەنە دەل خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قايتىدىن تەختكە چىققان مەزگىلدە مىخايىل بىراندىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى ۋەكىللىرى بىلەن تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينى يەنە بىر قېتىم بىئارام قىلغانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان. مىخايىل بىراندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى 5 پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان رەسمىي دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ، ئۇلار 22-ئۆكتەبىر تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغانىدى.

زىيارەت خاتىرىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە خىتاينىڭ تەيۋەننى ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى› دەپ قارايدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەر تەيۋەننى رەسمىي زىيارەت قىلسا «ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، مىخايىل بىراندىغا شۇنداق سوئال قويۇلىدۇ: «بىراندى ئەپەندى، ئەگەر غەرب سىياسەتچىلىرى تەيبېينى زىيارەت قىلسا، خىتاي بۇنىڭدىن ھېچ خۇش بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ‹تەيۋەن دۆلىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى› دەپ قارايدۇ. سىز ئىغۋاگەرچىلىكنى ياخشى كۆرەمسىز؟».

بىراندى ئەپەندى بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ھېچ ياخشى كۆرمەيمەن. ئەمما مەنچە، بىز يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ يارالغانلىقىنى ئاللىقاچان جاكارلىدۇق. مۇھىم بولغىنى، بىزنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىمىزدۇر. ئېغىر مەسىلە بولۇۋاتقىنى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بارغان تىنچ شەكىلدىكى زىيارىتى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق ۋە سودىغا تاجاۋۇزچىلىق ۋە تەھدىتلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان دىكتاتورلارغا بۇ زىيارىتىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە رېئاكسىيە قىلىشىدۇر».

2005-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن مىخايىل بىراندى 2016-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىغا باش بولۇپ ئۈرۈمچى ۋە لاسانى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە مىخايىل بىراندىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ رەت قىلغانىدى.

بىراندى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قىسمەتلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. «خىتاي رۇسىيەدىنمۇ خەتەرلىك» ماۋزۇلۇق زىيارەت خاتىرىسىدە ئاپتورنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى، يەنى جازا لاگېرلىرىدىكى قىلمىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ: «بۇلار گېرمانلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ۋۇجۇدىنى شۈركۈندۈرىدۇ» دېگەن سۆزىگە قارىتا مىخايىل بىراندى ئۆز قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش، لاگېر كىيىمى، نومۇرلار. بۇ يەردە مۇتلەق بىر ئىش بار. بۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىقنى خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا يۈرگۈزۈپ كەلدى. خىتاي بولسا بىز كۆرۈۋاتقان رۇسىيەدىن تېخىمۇ خەتەرلىك. بىز خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەم ئۇنىڭغا شېرىك بولغۇچىلارغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئايال تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ، بالىياتقۇسى ئېلىۋېتىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن ‹نېمىشقا بۇنداق مۇرەككەپ چارە قوللىنىدۇ؟ دورا ئارقىلىقلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مۇمكىنغۇ؟› دەپ سورىدىم. جاۋاب ئاددىيلا: «ئۇلار شۇنداق قىلالايدۇ. شۇنداق قىلغان چاغدىلا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېنىغا ئىككىنچىلەپ ئۆزىڭىز ئىگە بولالمايسىز».

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىخايىل بىراندىغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى زۇلۇملارغا ئىشەندۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاي رۇسىيەدىنمۇ خەتەرلىك» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە مىخايىل بىراندى غەرب قىممەت قارىشىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى، خىتايغا دادىل تاقابىل تۇرۇشنى، خىتاينى دۇنيا مىقياسىدا يېتىم قالدۇرۇشنى تەكىتلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۆزىنىڭ خاتىمىسىنى «خىتاي بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراش سىستېمىمىزنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.