لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى فىرانسىيەدە كىتاب بولۇپ نەشردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.01.12
لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى فىرانسىيەدە كىتاب بولۇپ نەشردىن چىقتى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم(سولدىن ئىككىنچى) ئائىلىسى بىلەن.
Gülbahar Xatiwaji teminligen

«خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق فىرانسىيەدە نەشردىن چىققان كىتاب، خىتاينىڭ قارامايدا قۇرغان لاگېرىدا ئىككى يىلچە قامىلىپ، 2019-يىلى يازدا قويۇپ بېرىلگەن ۋە 8-ئاينىڭ 21-كۈنى فىرانسىيە كېلىپ ئىككى قىزى ۋە ئېرى بىلەن جەم بولغان گۈلباھار خانىمنىڭ ھاياتىغا ئائىت بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگېرلىرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالىغان ساناقلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى.

«خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق فىرانسىيەدە نەشردىن چىققان كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.

شاھىت گۈلباھار خانىم ھازىرغا قەدەر تېخى رەسمىي ھالدا مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان قىزى ئارقىلىق فىرانسىيە ۋە باشقا دۇنياۋى تاراتقۇلاردا ھەمدە رادىيومىزدىمۇ خەۋەر قىلىنغانىدى.

2006-يىلىدىن باشلاپ ئائىلىسى بىلەن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۈلخۇمار خاتىۋاجى ئەينى چاغدا، ئاپىسىنىڭ 2017-يىلى-1 ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى فىرانسىيەدىكى «فىرانسىيە 24»، «ئېكسپرېس»، «لې موندې»، «ئارتې تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، راۋان فىرانسۇز تىلىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىسىنى ئۆز ئانىسى ئۇچرىغان زۇلۇملارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان. بۇ قاتاردا ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، گۈلباھار خانىمنىڭ فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ گۈلباھار خانىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

گۈلباھار خانىمنىڭ قىزى گۇلخۇمار، 11-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ فەسېبوئوك بېتىدە ئاپىسىنىڭ لاگېردىكى سەرگۈزەشتلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە جاكارلىشى بىلەن، بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالدى ۋە ئۇلارنىمۇ ھاياجانغا سالدى.

چۈنكى بۇ، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا گەرچە مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كارتون رومانى ۋە باشقا ھېكايە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، پەقەت لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قازاق شاھىت سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى رەسمىي كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان بىردىنبىر كىتاب ئىدى.

گۈلخۇمار ئاپىسى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ، لاگېردىن قۇتۇلۇپ فىرانسىيەگە كەلگەندىن كېيىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بىر مەھەل ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى، ھازىرغا قەدەر مەتبۇئاتلارغا رەسمىي گۇۋاھلىق بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ھەر جەھەتتىن قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان فىرانسىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ياۋروپا ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن گۈلباھار خانىم، ئاخىرى سەرگۈزەشتلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىشنى قارار قىلغان. 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست روزېن مورگانتنىڭ ياردىمىدە ئەسلىمىلىرىنى قەلەمگە ئېلىشقا باشلاپ، يېقىندا كەچمىشلىرى كىتاب بولۇپ روياپقا چىققان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ بۈگۈنكى ئالاھىدە مېھمىنى بولغان گۈلباھار خاتىۋاجى ئۆزىنىڭ كىتابتا تەسۋىرلىگەن ھايات ھېكايىسى يەنى لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئەينى چاغدا 2016-يىلى 11-ئايدا، پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن يۇرتى قارىمايغا قايتقان ۋاقتى دەل خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا جالا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ چوڭ تۇتقۇننى يېڭى باشلىغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەنىدى. فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدىمۇ ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان گۈلباھار خانىم ئىشەنچلىك ھالدا يۇرتىغا قايتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھېچقاچان بۇنىڭ بەدىلىگە 2 يىلدىن ئارتۇق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ۋە بۇ قەدەر رىيازەت چېكىدىغانلىقىنى قىياس قىلمىغانىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنى دەسلەپ ئۇنى، قانۇنسىز ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان دەپ يالغان سەۋەب بىلەن تۇتقان بولسا كېيىنچە، فىرانسىيەدىكى ئېرى ۋە قىزلىرىنىڭ فىرانسىيەدە پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا تېررورلۇق جىنايىتى ئارتىشقا ئۇرۇنغانىكەن.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم، ئۆزىنىڭ لاگېردىن چىقىپ فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشكارا گۇۋاھلىق بېرەلمەسلىكىگە ئالدى بىلەن قارىمايدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى شۇنداقلا ھازىرمۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۈلباھار خانىم كىتابتا ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىش، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە لاگېردا بىگۇناھ ھالدا ھەر تۈرلۈك قارا چاپلىنىپ سوراق قىلىنىش جەريانلىرى، تۇتقۇنلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرى، ئۇيغۇرچە گەپ قىلدۇرماسلىق، ھەتتا ھاجەتخانا ۋە مۇنچىدىمۇ، ئومۇمەن ھەر ئۆيدە ئىككى كامېرا ئارقىلىق كۆزىتىلىشتەك ئەھۋاللارنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كىتابتا يەنە كامېرلاردىكى ئۆزى ۋە باشقا كامېرداشلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، لاگېر ئىچىدىكى شارائىت، ھەر تۈرلۈك جازا ۋە قىيىن-قىستاقلار، قورقۇنۇچ، ئاچلىق، سوغۇق، ئۇيقۇسىزلىق، ئادالەتسىزلىكلەر، خورلۇقلار، ئەركىنلىكتىن ھەتتا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشتەك قاباھەتلىك ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقىي ئەھۋاللار تەپسىلىي يېزىلغانىكەن.

گۈلباھار خانىم ئۆزىنىڭ لاگېردا ھېچقانداق خاتالىق قىلمايمۇ 20 كۈن جازالانغانلىقىنى، ئورۇندۇققا ۋە كارىۋاتقا زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغان بولسىمۇ، جازالىنىشنىڭ سەۋەبىنى ئەزەلدىن چۈشەنمىگەنلىرىنى بايان قىلغان.

ئەزەلدىن سۇ ئۈزۈش ۋە باشقا شەكىللەردىكى تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن گۈلباھار خانىم خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى ئېغىر ئىسكەنجىلەردە يەنىلا ھايات قېلىشىغا، ئۆزىنىڭ مىدىرلىغۇدەكلا ماجالى ۋە پۇرسىتى بولسىلا ھەرىكەتلىنىپ بەدىنىنى چېنىقتۇرغانلىقى، روھى جەھەتتە بولسا بۇ نەس باسقان جايدىن چوقۇم قۇتۇلۇپ چىقىشقا بولغان ئۈمىدىنى ھېچقاچان يوقاتمىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

شاھىت گۈلباھار خاتىۋاجى يەنە لاگېردا گەرچە ئىككى قېتىم ئوكۇل سېلىنغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى زۇكامغا قارشى ۋاكسىنا دەپ چۈشەندۈرگەنلىكى، تېخى توي قىلمىغان نۇرغۇن ياش قىزلارنىڭ ھېيىزى توختىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىق بولالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى، گەرچە لاگېردىكى ئوكۇل-دورىلاردىن گۇمانلانسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ۋاكسىنا ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى، بۇ ھەقتە فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى لاگېرلاردا تۇغماس قىلىش ئەھۋاللىرى بارلىقىنى ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلغان.

ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتايغا قارشى ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەرىبىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈچ يىللىق ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، قىزى ۋە ئائىلىسى ھەمدە فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ ياردىمىدە فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ھەقىقەتەن ئەركىنلىك سۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇشىدىكى سەۋەبنى-ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە ئۇلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش دەپ چۈشەنگەن گۈلباھار خانىم ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە گۇۋاھلىقى پۈتۈلگەن بۇ كىتاب ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتىغان جايلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جازالاش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى دۇنيا تونۇسا ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىسا دېگەن ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزلىرىنى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە نۇرغۇن گۇۋاھلىق بېرىشلىرى نەتىجىسىدە دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كۈچەيمەكتە. بىز بۇ لاگېرلارنى تاقاشتا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز» دېگەن ئۈمىدۋار جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

«خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق فىرانسىيەدە فىرانسۇز تىلىدا نەشردىن چىققان، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار خانىمنىڭ لاگېردىكى قىسمەتلىرى ئاساس قىلىنغان كىتاب 13-يانۋار رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.