2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا بارغانچە كۆپ ئاشكارا بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېقىندىن ھەمكارلاشقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىش سادالىرى خەلقئارادا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
2021-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىك ۋە خورلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن خەلقارادا زىلزىلە قوزغىدى ۋە خىتاينى ئەيىبلەش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ لاگېردا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق قىسمىتى ۋە 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قاتتىق باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىسپات بەرگەنلىكى ۋە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.
رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرپ تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەر ۋە ماقالىلارنى ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىپ كەلگەنلىكىنى؛ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى ياكى قۇل ئەمگەكچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى تەشكىللەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تىللاشقا سالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دېيىشنى خالىمىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا سۆزلىتىشكە، ئېيتىشنى خالىمىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى «ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىۋاتقان» ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىملىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسا، خىتاي ئەرلىرى ھۆكۈمەتتىن بەھرىمان بولۇدىغان تۈرلۈك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن تويلىشىدىكەن.
زۇمرەت خانىم يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» ۋە «ئۇيغۇرلارغا ياردەم» سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيىدىمۇ نازارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلىۋاتقان بىر ۋاستە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭدا ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى زوشەن ئابباس خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتكقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ خەلئارنى ئالدىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روشەن ئابباس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، «ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتمال ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، ئاياللار ھوقۇقىغا ئېرىشتى»، «تۇغۇت ماشىنىسىغا ئايلىنىش قىسمىتىدىن قۇتۇلۇپ، زاۋۇتلاردا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ، بەختلىك ياشىماقتا» دېگەندەك ساختا تەشىۋىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارادا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ روشەن ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ۋە خورلىنىشقا ئۇچراۋاتقان توپلۇق ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بەزى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرىۋالغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا، لاگېرلار ھەققىدە پىداكارلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر ئايال شاھىتلار ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرلىنىشكە مۇناسىپ كىشلەر ئىكەن.