لاگېر شاھىدى ئوۋالبېك تۇرداخۇن ۋاشىنگتوندا تۇنجى مەيدان گۇۋاھلىق بەردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشتا ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بايانلىرى، دېيىش مۇمكىن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە مۇنبەرلەردە لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى بايان قىلىشى بىلەن دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاددىيغىنە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «زامانىۋى قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

يېقىنقى مەزگىللەردىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلار ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى چۇقانلارنى باشقا ياقلارغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يەنە بىر لاگېر شاھىدىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىشى بۇ جەھەتتە قىسمەن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. 8-ئاپرېلدا ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتكەن ئوۋالبېك تۇرداخۇن دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، 13-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تۇنجى مەيدان گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر فوندنىڭ رەئىسى ئاندرېۋ برېمبېرگ (Andrew Bremberg) سۆز ئالدى. ئۇ فوند جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگەن ئوۋالبېكنىڭ كەچمىشلىرى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم پاش قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ئەمەلىيەتتە دۇنيا قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىقنىڭ «ساداسىزلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سادا چىقىرىش» بولىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئارقىدىن خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا ئوغرىلىقى ھەققىدە يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسلەردىن ئېتان گۇتمان (Ethan Gutmann) سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋالبېك بىلەن قىرغىزىستاندىكى دەسلەپكى ئۇچرىشىشى ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلىق بولغان كۈنلەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم ئەتتى. شۇ قاتاردا ئۆزى ۋە باشقا دوستلىرىنىڭ ئوۋالبېكنى ئامېرىكا تەۋەسىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى

شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋالبېك مۇنبەرگە چىقىپ تەرجىماننىڭ ياردىمىدە ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 2018-يىلى فېۋرالدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىلغان كۈندىكى ۋەقەلەردىن باشلاپ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ جايدا ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى يالىڭاچلاپ مەھبۇسلۇق كىيىمىنى كەيدۈرگەنلىكىدىن باشلاپ لاگېردىكى تار ئۆيگە قىستىلىپ سولانغان 26 مەھبۇسنىڭ ئارىسىغا قوشۇلغانلىقى، كارۋاتقا سىغمىغان مەھبۇسلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كامېرلاردىكى تاملارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرىلىرىنىڭ ھەممىسىلا «خىكۋىژىن» (Hikvision) ماركىلىق ئىكەن. تامدىكى چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزوردا بولسا مەھبۇسلار ھەر كۈنى خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق ئۇلۇغ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كۆرىدىكەن. ئۇلارغا ھەدىسە خىتاي دۆلىتىنىڭ «ھەرقانداق ئادەمنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن تۇتۇپ كېلەلەيمىز» دېگەندەك ھەيۋىلىرى، ھايۋانمۇ يېمەيدىغان «تاماق» لار، قانداقتۇر سىرلىق «دورا» لار ۋە ئوكۇللار، «يولۋاس ئورۇندۇق»، قوراللىق گۇندىپايلار، تۈگىمەس سوراقلار، پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان قىيا-چىيا ۋە ئاچچىق چىقىراشلار دائىملىق ھەمراھ بولغان. 2018-يىلى 17-دېكابىردا كالتە ئىشتان بىلەن ئ‍ۆيىگە ئەكىلىپ قويۇلغاندا، ئۇ بۇ جايدا كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق ھەققىدىكى تىلخەتكە ئىمزا قويغان. ئەمما ئۇ لاگېردىن چىققان بولسىمۇ، ئۆيىدىكى نەزەربەنت زادىلا ئۈزۈلۈپ باقمىغان.

ئوۋالبېكنىڭ بايانلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوۋالبېك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىشكە زور كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىس سۆزگە چىقتى. ئۇ سۆزىدە ئوۋالبېك ئېيتقان قاماق ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ستالىن ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى خىتايدا ۋە باشقا جايلاردا كۆپ قېتىملاپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلار ئىكەنلىكىنى، 21-ئەسىرگە كەلگەندە بولسا شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتايدا يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئوۋالبېكنىڭ ئېيتقانلىرى بىز تەكىتلەۋاتقان رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.» دېدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل داۋام قىلدۇرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى پاش قىلىشتا بۇ خىل گۇۋاھلىقلارنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن كونور خېلىي (Conor Healy)، بوب فۇ (Bob Fu)، ئېتان گۇتمان قاتارلىقلار سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، غەرب شىركەتلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا ۋاستىلىك ھالدا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل گۇۋاھلىقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاپ بۆلىكىدە ھەر ساھەدىن كەلگەنلەر لاگېرلار ھەققىدىكى ھەر خىل سوئاللارنى سورىدى. ئوۋالبېك بۇ ھەقتە ئۆزى كۆرگەن ئىشلارنى مىسال قىلغان ھالدا، ئۇ جايدىكى سىرلىق دورىلار، ئوكۇللار، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق ئىشلاردىن مەلۇمات بەردى.

يىغىندىن كېيىن ئوۋالبېك رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلاردىكى ئ‍ۆزى كۆرگەن ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرى، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى ھەققىدىكى ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوۋالبېك تۇرداخۇن داۋاملىق ھالدا يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.