ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: «لاگېرلار تاقالسىمۇ ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلالمايدۇ»
2023.10.16

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ قانداق جەرياندا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز لاگېرلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتىنى 2019-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېقىندا يەنە يېڭى ئۇچۇرلار، يېڭى گۇۋاھلىقلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىق مەنبەلەرگە ئاساسەن بۇ مەسىلە ھەققىدىكى يېڭىلانغان دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بىزگە دېيىشىچە بۇ دوكلات ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرغا چېتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ جەريانىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن 2019-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن تۇنجى دوكلاتىمنى ئېلان قىلغانىدىم. بىراق كېيىن دىققىتىمنى كۆپرەك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىگە مەركەزلەشتۈرگەن بولغاچقا، لاگېر ئىچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ھەققىدە بىر ئىزدىنىش بولماي كېلىۋاتاتتى. شۇڭا مەن يېڭى دەلىللەر بىلەن بۇ سىستېمىنى يېڭىدىن تەھلىل قىلىپ چىقتىم» .
ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرغا باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت «تەربىيەلەش» سىستېمىسىدىكى يېڭىلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدە مەھبۇسلار تۇتقۇن قىلىنىپلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان، شۇڭا بۇ سىستېمىدا قايتا تەربىيەلەش ۋە ئەمگەك ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ھەققىدە شىكايەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، قايتا تەربىيەلەش بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىر-بىرىدىن ئايرىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان بۇ تۈزۈمدە لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئاۋۋال ئىنتايىن زالىم ۋە قاتتىق قوللۇق قايتا تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭدا قايتا تەربىيەلەش ئاساسىي دىققەت مەركىزى بولغان. بۇ باسقۇچ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغانلار لاگېر ئىچىدىكى ياكى لاگېر يېنىغا قۇرۇلغان زاۋۇتلارغا ساقچىلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە يېرىم كۈن ئىشلەشكە ئېلىپ چىقىلغان، ئۇلار ئىشىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن لاگېرغا قايتىپ، كەچلىرى يەنە ‹ئۆگىنىش قىلغان› . ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تۇتقۇنلار لاگېردىن چىقىپ زاۋۇتلاردا پۈتۈن كۈنلۈك مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلانغان» .
ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ‹كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى (职业技能教育培训中心) نامىدىكى لاگېرلارغا باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى ‹ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى› نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان نۇسخىسى، دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېر ئىچى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان زاۋۇتلار ئاساسەن خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان زاۋۇتلار بولۇپ بۇ زاۋۇتلاردىكى خىزمەت ئۈنۈمى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلار ۋە ياكى ئىلگىرىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدىكى زاۋۇتلاردىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ:
«بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئارقىلىق ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش قولايلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇش بېكىتىلگەن. چۈنكى بۇ كىشىلەر خۇسۇسىي كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، لاگېرلار تاقالغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئوخشاشلا بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلەشنى داۋام قىلىدۇ» .
ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدا بىر يېڭى گۇۋاھچىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، لاگېرلاردىكى يېشى 18 ياشتىن 60 ياشتىن يۇقىرىغىچە بولغان بارلىق ئاياللار كۆپ قەۋەتلىك كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، مەھبۇسلار بۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئالمىشىپ ئىشلەيدىكەن. زاۋۇتلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ كەمچىل بولغاچقا، ھاۋاسىزلىقتىن ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن. بۇندىن سىرت بۇ ئايال گۇۋاھچى يەنە، مەھبۇسلارنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىش ۋاقتى مۇقىم بېكىتىلگەن بولغاچقا ئۆزلىرىنىڭ سۇ ئىچىشىگىمۇ چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى، نورمىسىنى تولدۇرالمىغانلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقى، ھوشىدىن كەتكەنلەرنىڭ قوپال مۇئامىلە كۆرىدىغانلىقىنى دېگەن.
ئادرىيان زېنزنىڭ دېيىشىچە، كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرى بارا-بارا قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى لاگېرلاردا ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇ، ئەينى چاغدا «يېڭى جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزى ئەندىزىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەنىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ:
« ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئىچىدە ئاشكارىلانغان تېكەس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر يوليورۇق ھۆججىتىدە لاگېرلاردىكى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ھەققىدە بەزى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇسۇسىي كارخانىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن لاگېردا كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەيدىغان بىر ئورۇن بولۇشى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان. بىز قولغا چۈشۈرگەن باشقا بىر ھۆججەتتە بولسا لاگېر ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا زاۋۇت قۇرماقچى بولغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان» .
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېكەس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ ھۆججەتنى 2018-يىلى لاگېر خىزمىتىدىكى «يېتەرسىزلىكلەر» نى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەرلىكتىكى «كەسپىي ماھارەت بىلەن قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە «خىزمەت تەدبىرى» قىلىپ تارقاتقانىكەن.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ دېيىشىچە، لاگېردىن چىقىپ، زاۋۇتلاردا پۈتۈن كۈن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىشى، خالىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ ساقچىنىڭ نازارىتى ۋە كونترول قىلىشىدىن قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇ دوكلاتىنى خۇلاسىلەپ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش سىستېمىسى ‹لاگېر› ۋە ‹ئەمگەك› نى ئايرىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىش ئۈنۈمىنى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىدىغان سىجىل سۇپا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى يىلدا ئىككى قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنىلى بولغان «خىتاي ژۇرنىلى» (The China Journal) دا ئېلان قىلىنىپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.