كانادانىڭ 22-ئىيۇن ب د ت دا 44 دۆلەتكە ۋاكالەتەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى كانادانىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ 140 يىل ئىلگىرى يەرلىك خەلقلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
كانادانىڭ ب د ت دا دائىمى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لېسلېي نورتون ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا يۇقىرىقى چاقىرىقنى ئېلان قىلىشتىن سەل ئاۋۋال خىتاينىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق دىپلوماتى جياڭ دۇەن سۆز ئېلىپ، يۇقىرىقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جياڭ دۇەن يېقىندا كانادانىڭ بىرىتانىيە كولۇمبىيەسىدىكى بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر ئىندىئان بالىلار «ياتاقلىق مەكتىپى» نىڭ قالدۇق ئىزىدىن 215 بالىنىڭ سۆڭىكى تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «بۇ بايقاشنىلا ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان تېخىمۇ كەڭ جىنايەتلىرىنى ئەتراپلىق ۋە تەرەپسىز تەكشۈرۈشى» نى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، «كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەرگە سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتاق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
كانادانىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا خىتاينىڭ كانادانىڭ 100 نەچچە يىل بۇرۇنقى كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سۆرەپ چىقىپ، تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
كانادا باش مىنىستىرى ترۇدېئو شۇ كۈنى خىتاينىڭ تەكلىپىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا خىتايغا جەڭ ئېلان قىلغان.
ترۇدېئو كانادانىڭ مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ھادىسىلەرنى تەكشۈرىۋاتقانلىقى، بىراق خىتاي كانادانىڭ ئەكسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترۇدېئو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق خورلاۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كانادادا بىزنىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارلاش ۋە يارىشىش كومىسسىيەمىز بار. خىتاينىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارلاش ۋە يارىشىش كومىسسىيەسى قەيەردە؟ ھەقىقىتى قەيەردە؟ كانادا ئىزچىل ئىپادىلەپ كەلگەن ئوچۇق-ئاشكارىلىق، ئۆتمۈشتە سادىر قىلغان ھەم قىسمەن ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق خاتالىقلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى قەيەردە؟» دەپ كۆرسەتكەن.
ترۇدېئو يەنە كانادانىڭ يارىشىش جەريانى ئۇزۇن بىر مۇساپە ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بىراق خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ترۇدېئو مۇنداق دېگەن: «يارىشىش جەريانى بىز ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇزۇن مۇساپە. بىراق خىتاي ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ بىزنىڭ تۈپ پەرقىمىز. شۇڭا كانادالىقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر ئۇيغۇرلاردەك ئاۋازسىز قالغان خەلقلەر ئۈچۈن سۆزلىمەكتە.»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كانادانىڭ ئۆتمۈشىدىكى خىتاي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھادىسە كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەل قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، خىتاينىڭ تەلىپىنىڭ «ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسى يوق» ئىكەن.
ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئىلمىي پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە تەربىيە مەركىزىنىڭ دېرىكتورى جون پاكېر 23-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تەلەپنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسى يوق. ھەممە نەرسە ئاشكارا تۇرسا، نېمىگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؟ ھالبۇكى، خىتاي بۇنىڭ دەل ئەكسىنچە. خىتاي مەسىلىسىدە ھېچقانداق نەرسە ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس. پەقەت كىشىلەر پارچە ئۇچۇرلارنى قۇراشتۇرۇش، لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىدۇ. ھازىر خىتايغا قارىتا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇنىڭ ئەكسنچە بۇنىڭغا ئالدىنقى شەرت قوشۇپ يۇز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشنى سۆزلىشىنى تېخمۇ قىيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.»
پروفېسسور جون پاكېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تەلىپى ئۇنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. جون پاكېر مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تەلىپى ئەقلىي كاللىسى بار ھەرقانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن بىر بىمەنىلىك. بۇ پەقەت ئۇنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەدە قانچىلىك ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، سەن مۇنداق دىسەڭ بىز مۇنداق دەيمىز، دەيدىغان بالىلارچە ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينى قوللىغان ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى 6 دۆلەتنىڭ ھەممىسى دىكتاتۇر دۆلەتلەر. كانادا بولسا 40 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت. بىراق بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى خىتاينىڭ تەكلىپىنىڭ ئەمەلىي ئاساسى يوق، كۈلكىلىك ھەم ئەخمىقانىلىق.»
كانادادىكى يەنە بەزى مۇتەخەسىسسلەرنىڭ قەيت قىكىشىچە، كانادا بىلەن خىتاينىڭ بۇ تۈپ پەرقى كانادانىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى تۈزۈتۈشكە تىرىشىشى، بىراق خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، دەلىللەرنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىشىدا ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن.
كانادادىكى «رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دىئاموند مۇنداق دەيدۇ: «كانادا ھازىر كۈچلۈك قانۇنىي مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا يەرلىك خەلقلەر بىلەن يارىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. خىتايدا بولسا بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەلىللەرگە ئاكتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىنى بۇرمىلىماقتا.»
يوناھ دىئاموندنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىن باشقا ياققا بۇرىماقتا ئىكەن. يوناھ دىئاموند 23-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە: «ئەۋەتتە، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. كانادادا بولسا بىز ‹كانادا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جاۋاپكارلىقىغا تارتىلامدۇ-يوق› دېگەن سوئالنى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز. خىتاي بولسا ئوخشاش تاكتىكا ئىشلىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ئورنىغا مۇنازىرە تېمىسىنى بۇرمىلاپ، كانادا ئۆزى ھەل قىلىۋاتقان تارىخىتىكى پاجىئەنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى،» دېدى.
كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لېسلېي نورتون 22-ئىيۇن 44 دۆلەتكە ۋاكالەتەن «خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش قا چاقىرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
پروفېسسور جون پاكېر خىتاينىڭ كاناداغا ھۇجۇم قىلىشدىكى مەقسىتى توغرىسىدا يوھان دىئاموند بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ تېمىنى بۇراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جون پاكېر مۇنداق دىدى: «خىتاي بۇ چاقىرىققا، بۇ مەسىلىگە ماسلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىشقا ئۇرۇندى. كانادانىڭ 40 دەك دۆلەتكە ۋاكالەتەن ئۇنىڭغا چاقىرىق قىلىشىدىن كېيىن كاناداغا چاقىرىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىگە يۈزلىنىشتىن قاچتى.»
خىتاي كانادانىڭ ئۆتمۈشتىكى يەرلىك ئىندىيان بالىلىرىنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» نى تىلغا ئېلىپ، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكشۈرىۈش تەلىپىنى خىتاينىڭ ئۆزى ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى دۆلەتنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىسى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئايرىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. كانادا ھۆكۈمىتى 2015-يىلى «ھەقىقەتنى ئاشكارلاش ۋە يارىشىش كومىسسىيەسى» قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ 1883-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا كانادادىكى يەرلىك ئىندىيان بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دە تەربىيەلىشى شۇنداقلا ئۇلارغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.