ئىتالىيەدە چىقىدىغان «زىمىستان» تورى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدە يەنە بىر خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ خەۋەردە 2000 چە ئۇيغۇرنىڭ خېنەندىكى ئىككى تۈرمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان خېنەندىكى تۈرمە خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان خوتەندە قاماقتىكى مەزگىلىدە كامىردىشى ئابلىمىت ئابدۇمېجىتنىڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى خېنەنگە يۆتكەلگەنلىك ھەققىدە «كېسىمنامە» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خېنەندە 1-، 2-، 3- ۋە 4-تۈرمىلەردىن باشقا يەنە جېڭجۇ تۈرمىسى، پىڭياڭ تۈرمىسى ۋە شىنياڭ تۈرمىسى قاتارلىق يەر ناملىرى بىلەن ئاتالغان ئاز دېگەندە 14 تۈرمە بار ئىكەن. «زىمىستان» تورىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن 2000 مىڭ مەھبۇسنىڭ خېنەندىكى ئىككى تۈرمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى يېزىلغان. شۇڭا بىز ئاۋۋال خېنەن ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ قايسى تۈرمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بىر مەسئۇل خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ئالاقىسىز بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇس يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال خېنەندە تۈرمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تۈزۈملىرىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مەھبۇسلارنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدە تۈرمە خادىملىرىغا قارىتا «مەخسۇس تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. خېنەننىڭ جېڭجۇ تۈرمىسىدىكى بىر خادىم ئۇيغۇر رايونىدىن بۇ تۈرمىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئومۇمى سانىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەقتە تۈرمىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئۆتكەن ئايدا سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇ خوتەندە قاماقتىكى ئابلىمىت ئابدۇمىجىت ئىسىملىك بىر كامېردىشىنىڭ كېسىلگەن ۋە خېنەنگە يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە «ھۆكۈمنامە» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە كامېردىشىنىڭ شۇ كۈنى «ھۆكۈمنامە» نى تاپشۇرۇۋېلىش جەريانىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى. بىز يەنە خېنەندىكى شىنياڭ تۈرمىسىگىمۇ تېلېفون قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ قايسى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇمۇ ئوخشاشلا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدە بىر يىغىن ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتىمۇ ئالاقىدار ئىشخانا بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ كامىردىشى ئابلىمىت ئابدۇمىجىتنىڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 7-ياكى 8-كۈنلىرى يۆتكەلگەن ئىكەن. قاماقتىكى چېغىدا 15 يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەنلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئوسمان مەھبۇس يۆتكەش ئىشىنىڭ ھازىر ئاخباراتتا خەۋەر قىلىنىۋاتقاندىن خېلى بۇرۇن، يەنى 2017-يىلنىڭ بېشىدىلا باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خېنەن ئۆلكىلىك 4-تۈرمە خادىمى مەزكۇر تۈرمىدە قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇخبىرنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئوخشاش سوئالنى تەكرار سورىغىنىمىزدا سورىلىۋاتقان تېمىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇسلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ يۆتكەلگەنلىكى سورىغىنىمىزدا بۇ ئۇچۇرنىمۇ دېيىشكە بولمايدىغان بايان قىلدى.
0:00 / 0:00