قەشقەردىكى ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رامان ئىدرىسنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.03.26
raman-idris.jpg خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رامان ئىدرىس ئەپەندى.
Nejmidin teminligen

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ئوقۇۋاتقان نەجمىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تىزىملىكى» دىن قەشقەردىكى رامان ئىدرىس ئىسىملىك ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بوۋىسى بىلەن ئوخشاش ئىسىمدىكى بۇ كىشىنىڭ دەل ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بوۋىسى رامان ئىدرىس ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان قاناللار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىدىن بوۋىسى رامان ئىدرىس بىلەن كىچىك بوۋىسى باۋۇدۇن ئىدرىسنىڭ بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، 2015-يىلى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى مامۇت راماننىڭمۇ قاماقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوۋىسى رامان ئىدرىس بىلەن كىچىك بوۋىسى باۋۇدۇن ئىدرىس ئىككىيلەن ئىلگىرى قەشقەردە خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ناھىيەلەرگە توپ تارقىتىش تىجارىتى قىلغان ئىكەن. كېيىنچە ئۇلارنىڭ قەشقەردە ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە رېستوران ئاچقانلىقى مەلۇم.

نەجمىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رامان ئىدرىس ئائىلىسىنىڭ قەشقەر بەشكېرەمدىكى ئۆي-جايى ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى شىركەت-رېستۇرانى بولۇپ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلە ئەزالىرىدىنلا 50 تەك كىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماقخانا ياكى لاگېرلارغا قامالغان ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.