قەشقەر يېڭىشەھەرلىك مۇھاجىرلاردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يېڭىشەھەر پارتىيە مەكتىپىنىڭ قوغداش خادىمى ئالىمجان ئەمەتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكېتىلىپ، 40 كۈندىن كېيىن ئائىلىسىگە جەسىتى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ئالىمجان ئەمەتنىڭ خىزمەت ئورنىدا يوشۇرۇنچە ناماز ئوقۇغانلىقى يەنى ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، 22 ياشلىق ئالىمجان ئەمەتنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى، يېڭىشەر ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە قوغداش خادىمى بولۇپ ئىشلەشتىن ئاۋۋال بىر مەھەل ئەرمۇدۇن قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلىگەنلىكى ۋە بۇ يەردىكى ۋاقتىدا ناماز ئوقۇيدىغانلىقى بايقىلىپ قېلىپ ئىشتىن ھەيدەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەرمۇدۇن يېزىلىق قەرز كوپىراتىپىدىكى قوغداش خادىملىرى، بۇ ئىدارىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە لاگېردا ئۆلگەنلەر بارلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇندا بۇرۇن ئالىمجان ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئىشلىگەنلىكى ۋە ئىشتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى، ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ قوغداش خادىمى 22 ياشلىق ئالىمجان ئەمەتنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالىمجان ئەمەت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكېتىلىپ 40 كۈندىن كېيىن ئائىلىسىگە جەسىتى بېرىلگەن. مېيىت يەرلىككە قويۇلۇش داۋامىدا، مەزكۇر ئائىلە ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئالىمجان ئەمەتنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا، ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقى، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن ئالىمجاننىڭ دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش ۋە تەبلىغ ئاڭلاش ئارقىلىق، روھىي جەھەتتىن تىكلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ئاياللار مۇدىرى ئالىمجاننىڭ قەمبەرنىسا ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ھاممىسى بارلىقىنى بايان قىلدى؛ ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. مەكتۇپتا، ئالىمجان ئەمەتنىڭ ھىدايەت يولىغا ماڭغانلىقى سەۋەبلىك قەرز كوپىراتىپىدىكى ئىشىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بىر يىلدىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىدىمۇ، يوشۇرۇن يەنى ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ساقچىلارغا دوكلات قىلىنىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى يېزىلغان. يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپى، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. مەكتۇپتا يەنە ئالىمجان ئەمەتنىڭ سوراق جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى يېزىلغان. مەزكۇر ئاياللار مۇدىرىمۇ، ئالىمجاننىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى؛ ئەمما ئالىمجاننىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىدە مەسىلە يوقلۇقى ۋە ساغلام بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر لاگېر ساقچىسى لاگېردا ئىشارەت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە ئېغىر ئەھۋال دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل ئەھۋال سادىر قىلغانلارنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا يەنى گوباۋغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
يۇقىرىدا ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 22 ياشلىق ئالىمجان ئەمەتنىڭ 40 كۈندە لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00