ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ لاگېردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۈرۈمچىدە دوللارچىلىق قىلىدىغان تىجارەتچى شاھىمەردان پەرھاتنىڭ لاگېردىن چىقىپ 10 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ساقچى خادىملىرى گەپ ئارىسىدا شاھىمەردان پەرھاتنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ چىماشەن دېگەن ئاھالىلەر رايونىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى. شاھىمەردان پەرھاتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ 2017‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى لاگېرغا ئەكېتىلىپ، 2019‏-يىلى 8‏-ئاۋغۇست كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى 18-ئاۋغۇست كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن ئۇچۇردا، شەھىمەردان پەرھاتنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد ئۈرۈمچىدە ياشاپ كەلگەن كونا ئۈرۈمچىلىكلەردىن ئىكەنلىكى، بۇلاقبېشى ئەتراپىدا دوللارچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن بۇرۇن بويى 1.85 مېتىر، بېجىرىم بىر كىشى ئىكەنلىكى، ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، 10 كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي قوۋۇق ساقچى خادىمى، شاھىمەردان پەرھاتنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىدى. ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر ساقچىخانا خادىمى، لاگېردىن چىقىپ تۈگەپ كەتكەن شاھىمەردان پەرھاتنىڭ قايسى ساقچىخانىنىڭ تەۋەلىكىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ چىماشەن رايونلۇق ساقچىخانىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ شاھىمەردان پەرھاتنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ، شاھىمەرداننىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، چىماشەن ئاھالىلەر رايونىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، شاھىمەردان پەرھاتنىڭ قېيناتىسى تۇرسۇن ھاجىنىڭ تۈركىيەدە ياشايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. تۇرسۇن ھاجىم ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا كۈيئوغلىنىڭ 7 نەزىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. تۇرسۇن ھاجىنىڭ بايانلىرىدىن شاھىمەرداننىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتچى ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى مەلۇم بىلدى. ھاجى قۇتلۇق قادىرى شاھىمەرداننىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، شاھىمەردان پەرھات، ئىنىسى شىرئەلى پەرھات بىلەن بىرلىكتە، 2017 ‏-يىلى 3 ‏-ئاينىڭ ئاخىرى بىر كېچىدە تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەن. شاھىمەردان بۇ يىل 8‏-ئاۋغۇست كۈنى بىر تېرە، بىر سۆڭەك ھالىتىدە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئۆيىگە چىققاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرالمىغان، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 10 كۈندىن كېيىن يەنى 18-ئاۋغۇست كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ئۈرۈمچىدىكى ساقچى خادىملىرى شاھىمەردان پەرھاتنىڭ نېمە سەۋەبتىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ھاجى قۇتلۇق قادىرى، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا شاھىمەرداننىڭ ئىنىسى شىرئەلىنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ بىر قېتىم ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇلار، شىرئەلىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇشتۇمتۇت ھالدا شاھىمەرداننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ھاجى قۇتلۇق قادىرى يەنە شاھىمەردان ۋە ئىنىسىنىڭ ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى، تىجارىتىنىڭ زاكىتىنى ۋاقتىدا ئايرىپ ۋە خەير ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.