تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت مەخپىي ماتېرىيال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋازلىق سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. سۆھبەت مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ مەلۇم بىر خادىمى بىلەن قىزى لاگېردا ئۆلگەن بىر ئانا ئارىسىدا داۋام قىلغان. بۇ ماتېرىيالدا قەشقەر خۇا ئەن ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى 34 ياشلىق ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئاۋاز خاتىرىسىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ئايتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت مەخپىي ماتېرىيال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە، ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن. دېيىلىشىچە، قەشقەر خۇا ئەن ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، 34 ياشلىق ئايتۇرسۇن ئېلى بۇلتۇر 6 -ئاينىڭ 5-كۈنى ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، ئايتۇرسۇننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. مەزكۇر توربەتتىكى بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە، بىر مۇھاجىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە بۇنى ئالاقىدار دۆلەت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇش تىلىكى بىلەن ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان. . بىز بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ راستىنىلا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەزكۇر ئورگانغا تېلېفون قىلدۇق. دائىرىلەر، بۇ ھەقتە زىيارەت قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، قەشقەر خۇا ئەن ساياھەت شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق. شىركەت خادىمى، ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئاۋۋال بۇ شىركەتتە ئىشلىگەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر خادىم، ئايتۇرسۇننىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ‹ئۆتكەن يىلنىڭ مۇشۇ ئايلىرى› دەپ جاۋاب بەردى. بىز يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئەسلى تولۇق نۇسخىسىغا ئېرىشتۇق. بۇنىڭدا ئايتۇرسۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئايتۇرسۇن لاگېرغا ئەكىتىلىپ 4 كۈندىن كېيىن ئىككى نەپەر ساقچى ئايتۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئارقىدىن ئەگەر ئۇلار غوۋغا چىقارمىسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قىزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇنىڭ جان ئۈزۈپ بولغانلىقىنى بايان قىلمىغان. ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى پاتىگۈل ياسىن بىلەن دادىسى دادىسى ئېلى غوپۇر دوختۇرخانىغا كەلگەندە بىر توپ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا ئۆزىنى كۆرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 34 ياشلىق مۇئاۋىن دىرېكتور ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋاز خاتىرىسىدە قەيت قىلىنغانلار ۋە قەشقەر خۇا ئەن ساياھەت شىركىتىنىڭ بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.