ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەلۇم بىر تونۇشى بىلەن خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلى بىرقانچە ئايدىن بېرى بۇ تونۇشى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇنى ئېنىقلاش جەريانىدا لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ شۇ لاگېردىكىلەرگە قېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا خوتەندە ئېزىز داۋۇت ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، قەشقەردە مىرئادىل ئىسىملىك بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋېتىپ، مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقى دەلىللەندى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلى ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر تونۇشى بىلەن لاگېر قۇرۇلۇپ خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۈندىداردا كۆرۈشۈپ تۇرغان ۋە لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا بۇ تونۇشى بىلەن ئالاقىسى ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلگەندىن كېيىن، يەنە باشقا قاناللار ئارقىلىق لاگېردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «مەھبۇس ئوقۇغۇچى» غا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكى بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن، بەزىلىرى مەكتەپلەردىن ئەكېتىلگەن ئىكەن. يەنە بىر قىسمى بولسا ئىلگىرى قانۇن ساھەسىدە ئوقۇغان ۋە ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەردە قانۇنغا ئالاقىدار خىزمەت ئۆتەۋاتقانلاردىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. خوتەندىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ئەدلىيە خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، شۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېزىز داۋۇت خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىش ئۈچۈن لاگېرغا ئېلىپ بېرىلغان. ئارقىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قوشنا بىر لاگېرغا ئاتالمىش «تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن يۆتكىۋېتىلگەن. قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان توققۇزاق 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مىرئادىل لاگېردا دەرس ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە نامەلۇم سەۋەب بىلەن دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
پائالىيەتچى زۇلپىقارنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى يالغۇز ئۇلارنىڭ تۇتقۇنلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىپ قېلىشى قاتارلىق ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلىكى» ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى»، يەنى لاگېر ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى ئېنىق بىلگەنلىكى ۋە بۇ سىرنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
ئەمما بەزى شاھىتلار، مەسىلەن، كورلادىكى بىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» دىن ئۆتكۈزۈش پىلانى بارلىقى، پات يېقىندا تەربىيەلىنىش نۆۋىتىنىڭ شۇ لاگېرلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچىلارغىمۇ كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
0:00 / 0:00