دوختۇر جۈرئەت ئوبۇل: «شاھىمەرداننىڭ ئۆلۈمىگە توكتىن زەخىملىنىش سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن»

0:00 / 0:00

38 ياشلىق شاھىمەردان لاگېردىن چىقىپلا ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز جان ئۈزگەن. شاھىمەرداننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە دوختۇرخانىدا «مېڭىسىگە سۇ چۈشۈش» دىياگنوزى قويۇلغانلىقىنى ئۇققان. شۇندىن كېيىن ئۇلار «مېڭىگە سۇ چۈشۈش» نىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مەلۇمات سورىغان. مۇتەخەسسىسلەر شاھىمەرداننىڭ توكلۇق ئەسۋابلار بىلەن قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ «مېڭىگە سۇ چۈشۈش» نىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، شاھىمەرداننىڭ ئۆلۈمىگە توكلۇق ئەسۋابتىن زەخىملىنىشنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەن شاھىمەردان پەرھاتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تاغىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، شاھىمەردان بىر تېرە-بىر ئۇستىخان ھالىتىدە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ۋە ئائىلىسىدە مېڭىسى ئاغرىپ قاتتىق قىينالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا «مېڭىسىگە سۇ چۈشۈش» دىياگنوزى قويۇلغان. شاھىمەردان داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. مەرھۇمنىڭ نەزىرنى پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنلا ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆلۈم سەۋەبىنى «راك كېسىلى» دەپ چۈشەندۈرۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن گۇمانلانغان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ياپونىيەدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن «مېڭىگە سۇ چۈشۈش» نىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭغا شاھىمەرداننىڭ توكلۇق ئەسۋابلار بىلەن قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ۋە تېببىي گېن ئىلمى تەتقىقاتچىسى، دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۈگۈن ئۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مېڭىگە سۇ چۈشۈش» نىڭ سەۋەبى، جەريانى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شاھىمەرداننىڭ بەدەن ساپاسى ۋە نۆۋەتتىكى لاگېر ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا خۇلاسە چىقارغان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى شاھىمەرداننىڭ ئۆلۈمىگە توكلۇق ئەسۋابتىن زەخىملىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاساسلىق ئېھتىماللىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا خىتاينىڭ لاگېردىكىلەرگە قارىتا يېڭىچە قىيىن-قىستاق ئەسۋابلىرىنى سىناق قىلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى خىتاي تەرەپنىڭ شاھىمەرداننى قويۇپ بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ سالامەتلىك سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئائىلىسىگە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ۋە شۇ ئارقىلىق شاھىمەرداننىڭ قىيىن-قىستاقتا نامەلۇم توكلۇق ئەسۋابلارنىڭ زەربىسىدىن مېڭىسىگە سۇ چۈشۈپ ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.