شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-03-22
Share
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى خىتاي لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك قىيناشلاردىن سىرت، زوڭزايتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى دېكابىر.
BITTER WINTER

1. ئەرلەر لاگېرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر

زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋە سىستېمىلىق بىر تەرىپى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىدۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى-2016 يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. دەرۋازىسىغا ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان، ئەتراپى تىكەنلىك سىم توسۇقلار ۋە ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، قوراللىق ساقچىلار كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىر قاتار قانۇنسىز يېپىق جازا لاگېرلىرى رەسمي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا رايوندا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ساقچىخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ئوريۇنلىرى، تۈرمە، ئىشلىتىلمىگەن ھۆكۈمەت، مەكتەپ بىنالىرىمۇ توشۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، ئاغرىق-ساق دېمەي ئېلىپ بېرىلغان زور تۇتقۇننىڭ كۆلىمىنىڭ زورلىقىدىن ئۆز ۋاقتىدا تۈرمىلەردە گۇندىپاي يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەپتىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىمۇ چىقارغان ئىدى. ش ئۇ ئا ر تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ-2017يىلى 27‏-ئۆكتەبىر چىقارغان ئېلانىدا «بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرگە 1013 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن ئىدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر دوكلاتىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇچۇرلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغانلىقىنى، 2016‏-يىلىدىن بېرى رايوندا 7000 دىن ئوشۇق ساقچى پونكىتى تەسىس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى لاگېر سىستىمىسى ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇلغان

خىتاينىڭ ئەدلىيە ۋە تۈرمە ئورۇنلىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدا قىيىن-قىستاقنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى دۇنياغا ئاشكار بىر مەسىلە. ھالبۇكى، لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرى خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتى باشلانغان بۇ زور تۇتقۇندا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ مەيلى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ۋە ياكى لاگېرلاردا بولسۇن، مېڭە يۇيۇش ھەم تەن جازالىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، 24 سائەتلىك نازارەت قىلىنىشقا ئېغىر يولۇقىدىغانلىقى، خىتاي ساقچى-گۇندىپايلار «قىلچە رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان قىيىن-قىستاقلارنىڭ ۋاستە ۋە خاراكتېر جەھەتلەردىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.

بىز بۇنى-2104ۋە-2015 يىللىرى ئارىسىدا جەمئىي 15 ئاي تۇتقۇندا تۇرغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلار بىلەن دەسلەپ تۇرپاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ۋە قارامايدىكى ئەرلەر لاگېرىدا 8 ئايلىق قىيىن قىستاقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ھايات قالغان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى سېلىشۇرغىنىمىزدا ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىيىن-قىستاقلار يەنىمۇ ۋەھشىلەشكەن

ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سىياسىي جىنايەت بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئالدى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان. رەسمىي كېسىم ئېلان قىلىنىپ تۈرمىگە يوللىنىش ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغان بۇ جايدا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئاتالمىش «سىياسي جىنايەت» لەرگە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋاستە تاللىمايدىغان، رەھىمسىز قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرايدىكەن.

ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا لاگېر باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۆزى ئۇچرىغان قيىن-قىستاق ئۇسۇللىرىنىڭ 10 خىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى ساناپ ئۆتتى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۆزىمۇ مۇستەقىل ھالدا ۋە باشقا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخباراتلارغا لاگېر مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش جەريانىدا لاگېر شاھىدلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇمۇ يېقىنقى 4 يىل جەريانىدا خىتاي ساقچى ۋە گۇندىپايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان قىيىن-قىستاق ۋاستىلىرىنى ئالاھىدە كۆپەيتكەنلىكىنى بايقىغان.

دەرۋەقە، رادىيومىز-2018 يىلى-24 ئۆكتەبىر فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى مەنبە قىلىپ خەۋەر قىلغىنىمىزدەك «خىتاينىڭ خەلققە ئاشكارا تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت، خەۋەر، توختامنامە ۋە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق يازما ماتېرىياللىرىنى توپلاپ چىققان. جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق بۇ خىل ماتېرىيالنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزكۇر ئاگېنتلىق، خوتەندىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە 2768 ساقچى كالتىكى، 550 توك كالتەك، 1367 كويزا، 2792 قۇتا كۆز ياش ئاققۇزغۇچى سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىغان.» ماتېرىياللارنىڭ يەنە بىرىدە مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۆرە چىشى دەپ ئاتىلىدىغان كالتەك، يولۋاس ئورۇندۇق دېيىلىدىغان قىيىن-قىستاق ئەسۋابى سېتىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۈر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، توپلانغان ماتېرىياللاردىن بىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مەكتەپتەك ئىشلىتىش، ھەربىي گازارمىدەك باشقۇرۇش ۋە تۈرمىدەك قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

لاگېر سىياسىتىدە قىيىن-قىستاق قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان مىنۇتتىن باشلىنىدۇ

لاگېردىكى مىسلىسىز جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق قىيىن-قىستاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان 3 يىلدىمۇ سالامەتلىكى تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان ئۆمەر بېكئالى قازقىستاندىن پىچاندىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۈرۈشكىلى بارغىنىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلۈپ كىشەنلەپ ئېلىپ مېڭىلغان. ئۇ دەسلەپ پىچاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولانغان. ئۇ بۇ جايدا بىر ئاي مۇشۇننداق قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن.

1- پۇتىغا 5 كىلو ئەتراپىدا ئېغىرلىقتىكى كىشەن سېلىش. قول ۋە پۇتنى زەنجىر بىلەن چېتىپ قويغان ھالدا دۈمچەيتىپ سولاپ قويۇلۇش؛

2- يالاڭاچلاپ قويۇش؛

3- ئېغىر تىل ھاقارەت قىلىش؛

4- يولۋاس ئورۇندۇقتا سائەتلەرچە، ھەتتا كۈنلەرچە ئولتۇرغۇزۇپ سوراق قىلىش

5- توكلۇق رېزىنكا ۋە كاۋچۇك توقماقلار بىلەن ئۇرۇش؛

6- ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇش؛

7- تاپانغا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەش؛

8- ئۇخلاتماسلىق؛

9- تىرناق ئاستىغا يىڭنە تىقىپ قىيناش؛

10- جىنسىي ئەزاغا ئىنچىكە ئەسۋابىنى تىقىپ قىيناش؛

قاتارلىق قىيناش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغان.

لاگېردا قىيىن-قىستاق شەكىللىرى ۋە ئەسۋابلىرىمۇ سىستېمىلاشقان

ئۆمەر بېكئالى قارامايدىكى ئەرلەر لاگېرغا كىرگەندە قىيىن-قىستاقنىڭ ئىىنساننىڭ تەبئىىي ھايات قانۇنىغا قارشى ھالدىكى چوڭقۇر زەخمىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئادەمنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان، سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق شەكلىگە كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەرلەر لاگېرىدا تۇتقۇنلارغا يەنە مۇنداق ئوخشىمىغان شەكىلدىكى زۇلۇملار يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى ساناپ ئۆتتى:

1- يىگىرمە تۆت سائەت تامغا قارىتىپ، سۇ ۋە تاماق بەرمەي تۇرغۇزۇپ قويۇش؛

2- يولۋاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش؛

3- قاراشغۇ كامېرغا قاماش؛

4- ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىگىلى قويماسلىق؛

5- خىتايچە مېڭە يۇيۇش، يەنى خىتاي تىلى ۋە قىزىل ناخشىلارنى يادلاشقا مەجبۇرلاش؛

6- داۋالىماسلىق؛

7- ئادۋۇكات چاقىرىشتىن مەھرۇم قىلىش؛

8- ئۇزۇن مۇددەت كىچىك ۋە چوش تەرەت قىلىپنى چەكلەش؛

9- نامەلۇم ئوكۇل ۋە دورىنى مەجبۇرلاش؛

10- مەجبۇرىي قان ئېلىش؛

11- چاچ ۋە ساقالنى مەجبۇرى چۈشۈرۈش؛

12- سوغۇقتا ۋە ئىسسىقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ قىيناش؛

13- يۇيۇندۇرماسلىق؛

14- ئاچ ۋە سۇسىز قويۇش؛

15- كۈن كۆرسەتمەسلىك، ساپ ھاۋادىن بەھرىمان قىلماسلىق؛

16- ئائىلىسى ۋە سرت بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش؛

17- ۋەھىمە سېلىپ پىسىخولوگىيەلىك قىيناش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنكار قىلدۇرۇش، ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزدۈرۈش؛

18- بىتۇندا ياتقۇزۇپ قويۇش؛

19- ئىقرانامىگە ۋە كېسىمگە مەجبۇري قول قويۇش؛

20- تىكەنلىك توخماقتا ئۇرۇش.

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ قايتىدىن لاگېردىكى شۇ قاراڭغۇ سوراقخانىغا كىرىپ قايتىدىن قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقاندەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.

مۇشۇ خىل ئادەتتىكى ئىنسانلار قىياس قىلىشىمۇ تەس بولغان قىيىن-قىستاقلار بېشىدىن ئۆتكەن ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ لاگېردىن چىققاندا 50 كىلودىن ئارتۇق ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەزىم قىلىش، نەپەس يولى كېسەللىكلەرگە ۋە ئېغىر قان بېسىمغا ۋە يەنە پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا مۇپتىلا بولغانلىقىنى، لاگېردا كۆرگەن ۋەھشىلىكنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ روھىيىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت