خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يۇتىيۇبىر مەتېيۈ تاي (laowhy86) بىلەن سۆھبەت
2021.03.15
مەتېيۈ تاي (Matthew Tye) ياكى تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغىنىدەك C-Milk، ئۆزىنىڭ يۇتۇب قانىلى laowhy86 دا خىتايدا تۇرغان ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئىشلىگەن «جەنۇبىي خىتاينى بويسۇندۇرۇش» ۋە ئۇنىڭ داۋامى «شىمالىي خىتاينى بويسۇندۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ ھەر بىر ۋىدىيوسى توردا نەچچە مىليون قېتىم كۆرۈلگەن.
2018-يىللىرى ئۇنىڭ ئىچكىي موڭغۇلىيەدە ئىشلىگەن «شىمالىي خىتاينى بويسۇندۇرۇش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى laowhy86 نامىدىكى يۇتۇب قانىلىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ۋە خوڭكوڭ ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىققان.
ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا «خىتاينىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› توغرىسىدىكى ھەقىقەت» ناملىق ۋىدىيوسى ئارقىلىق خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نامىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى ۋە ئۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن. كۆرۈرمەنلىرىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا بىنائەن ئۆتكەن ھەپتە يەنە «خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش خاراكتېرلىك يۇتۇب قانىلى» ناملىق پروگراممىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنياغا «ئۇيغۇرلار خۇشال»، «ئۇلار پومپېيو قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشىنى خالىمايدۇ» دېگەندەك ناملاردا قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلغان.
بىز بۇ ھەقتە رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن مەتېيۈ تاي، يەنى تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان لاۋ ۋاي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
مۇخبىر: سىز ئالدىنقى ھەپتىلىك پروگراممىڭىزدا خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئىشلىگەن تەشۋىق ۋىدىيولىرىنى ئانالىز قىلىپسىز، قانداق بولۇپ بۇ تېمىنى تاللاپ قالدىڭىز؟
مەتېيۈ: خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ ئۇلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، مايك پومپېيونىڭ خاتا قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەتكەن ۋە بۇلارنى يۇتۇبقا قويغان. ۋىدىيوغا قارىسىلا ئۇلارنىڭ تەبئىي ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. مەن مۇشۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەشۋىقاتنى يورۇتۇش ئۈچۈن بۇ پروگراممىنى ئىشلىدىم. بۇ پروگراممىدا يەنە نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ «توغرا»، غەربنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا بۇنچە كۈچەيدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
مۇخبىر: سىز بىر نەچچە ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سولىغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي بىر پروگرامما ئىشلەپتىكەنسىز، بۇ تېمىغا نېمىشقا قىزىقىپ قالدىڭىز، ياكى سىز بۇ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە باشتىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانمىدىڭىز؟
مەتېيۈ: مەن باشتا دىققەت قىلغان بولغان بولساممۇ، ئۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىمىگەن. چۈنكى مەن ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ باقمىغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇشىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. باشقا نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا خىتاينى چۈشىنىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جەرياندىكى سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. تەكشۈرگەنسېرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم. كاللامدىكى خىتاينىڭ كونترول قىلىش سىستېمىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا بىردىن-بىردىن جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ۋە قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. ئارسلان ھىدايەتكە ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە باشقا مەنبەلەردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئېلىش ناھايىتى قىيىنلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما مېنىڭ تېخىمۇ قىزىقىشىمنى قوزغىدى.
مۇخبىر: قانىلىڭىزدا ئاساسەن خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك سىياسىتى ۋە خىتايدا ئىشلارنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا پىروگراممىلارنى ئشلەيدىكەنسز، سىزنىڭچە، نېمىشقا غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەر خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچى» نىڭ تەسىرىنى تونۇپ يېتەلمىدى؟
مەتېيۈ: ئەسلىدە مېنىڭ قانىلىم پەقەت «مەن ياخشى، خىتاي قىزىقارلىق بىر يەر» دېگەن مەزمۇندىكى پروگرامما ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ۋىجدانى بار كىشىلەرگە ئوخشاش مېنىڭمۇ كۆز قارىشىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى. خىتاي ئۇزاقتىن قارىغاندا ناھايىتى سىرلىق، ئۆزگىچە بىلىنىدۇ. چۈشىنىش قىيىندەك تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن رەسمىي كۈچ سەرپ قىلمايدۇ. يەنە بىر سەۋەب بولسا، خىتايلارنىڭ بەزى ‹يۇمشاق كۈچ› تەشۋىقاتى ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق. مەن ئۇلارنىڭ تاشقىي دۇنيانى قايىل قىلالىشىدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشتىم، دىققەت قىلسام، نورمال ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىدىغان غەربلىكلەر بەزى تەشۋىقاتلارنى كۈلۈپ ئۆتكۈزۈۋەتسىمۇ، يەنىلا جىقلىرىنى كۆرىدىكەن. «يالغان يەرلىرى بولسىمۇ، ھەممىسى يالغان ئەمەستۇ،» دەپ قارايدىكەن. خىتايدا ئاخبارات قاناللىرى بىردەك كومپارتىيەنىڭ «ئېغىزى» دىن خەۋەر تارقىتىدۇ. لېكىن غەربلىكلەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار خىتاينى يىراقتىكى سىرلىق، ئۆزگىچە دۆلەت دەپ قارىغاچقا، «ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە سىياسىتى بار،» دەپلا چۈشىندۇ. ئۇلار خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ» ىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا «ھەي توختا، بۇ بىر تەشۋىقات» دېيەلمەيدۇ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قانداق ئايرىشنى بىلمەيدۇ، مەن مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، سىز بىر سىرتتىن كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا نېمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
مەتېيۈ: راستىنى ئېيتقاندا، ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋاللارغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «باستۇرۇش»، «مىليونلىغان كىشى» دېگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق. لېكىن ئىنساننىڭ تەبىئىتى بويىچە ئېيتقاندا، كىشىنىڭ شەخسىي ھېكايىسى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ ۋە ياكى بىر ئائىلىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقاندا كىشىنىڭ بەكرەك دىققىتىنى قوزغايدۇ. مېنىڭ قانىلىمدىمۇ چوڭ-چوڭ خەۋەر تېمىلىرىنى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن رەسمىي ھېكايىلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ۋە پىكىرىنى ئۇتۇشقا تىرىشتۇق. شۇنداق بولغاندا، غەربتە ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ، «مەن بېرىپ باقمىغان، بىلمەيدىغان يەردىكى ئىشلاركەن» دېيەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق شەخسى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز. چۈنكى خىتاي پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىدىكى بىر دۆلەت. قىسقىسى، ئېيتقىنىمدەك كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەخسىنىڭ ھېكايىسى بەك مۇھىم. «مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا» دېگەن خەۋەر تېمىسىنى ئوقۇش ئەلۋەتتە كىشىنى چۆچۈتىدۇ، لېكىن بىر شەخسنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقالمىغۇچە كىشىلەر بۇ تېمىنى ناھايىتى ئاسانلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىشىدۇ.
مۇخبىر: ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا دەيدىغان يەنە باشقا سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
مەتېيۈ: مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك پىلانى بويىچە ئۇلار يېتەرلىك ئىقتىساد ۋە كۈچنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ چېگراسى ئىچىدە توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار ئالىبۇرۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بىز خىتايلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان، ئۆزى بىلەن باراۋەر دەپ قارىمىغان ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش سىياسەتنى «مەردلىك بىلەن ئوينايدىغان» ھۆكۈمەت ئەمەس. كومپارتىيە تارىختىن بۇيان خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلغان ئەمەس. ئەگەر خىتايدا يېتەرلىك كۈچ بولۇپ دۇنيا سەھنىسىگە چىقىپ قالسا، نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سىناق سۈپىتىدە تەھلىل قىلىپ باقساق بولىدۇ. بۇ مېنىڭ دۇنياغا بولغان ئاگاھلاندۇرۇشۇم.
مۇخبىر: ۋاقىت چىقىرىپ پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
مەتېيۈ: سىزگىمۇ رەھمەت.