7-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «Z D F» لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدە باشلانغان جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە، ئۇيغۇرلار قامالغان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ چىققان بۇ ئىككى شاھىتنىڭ لاگېرلاردىكى ئىنسانىيلىقتىن ھالقىغان زۇلۇم توغرىسىدا ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى 7-نويابىر «Z D F» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلاق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان.

ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىغان، 10 دىن ئارتۇق شەھەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتنى مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 7-نويابىر كۈنى شاھىتلار ميۇنخېندىكى قىسقىچە DITIB دەپ ئاتالغان، «دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلىكى» ناملىق تۈرك تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. 8-نويابىر بولسا باۋارىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.
بىز بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىن كەلگەن قەلبىنۇر سىدىق ۋە فىرانسىيەدىن كەلگەن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارنى زىيارەت قىلدۇق. قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشتىنلا ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ، «مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ دەرد-ئەلەملەرنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن خۇشال بولدۇق» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
مەزكۇر پائالىيەت 7-نويابىردىن 21-نويابىرغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، ئاۋگىسبۇرگ، رېگىنىسبۇرگ، ۋۈرسبۇرگ، فرانكفۇرت، گۆتتنگەن، لايىپزىگ، بېرلىن، ھاننوۋېر، كارلسرۇھې شەھەرلىرىدە ھەم چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھەرلىرىدە داۋام قىلىدىكەن. پائالىيەت گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش شەكىللىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.