خىتاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خەلقئارانىڭ لاگېرلارغا بولغان دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى

0:00 / 0:00

21-مارت كۈنى خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن يولغا چىققان بىر يۈك پويىزى ئۈرۈمچى ئارقىلىق ياۋروپاغا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ يۈك پويىزىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى بولۇپ، ئۇ 110 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 766 دانە قوغدىنىش خالىتى قاتارلىق كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ««ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئىنسانپەرۋەرلىك» نامىدا بەرگەن ياردىمى ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلغان. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىسلىتىپ، دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلماقتا شۇنداقلا خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 23-مارت كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مەركەزلىشىپ، ئۆزىنى ۋىرۇسقا قارشى باشلامچى قىلىپ كۆرسىتىشكە، بۇ ئارقىلىق دىققەتنى بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ تەسىرىدە ۋۇخەندىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەزىيەتنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان پۇقرا ژۇرنالىستلار ۋە شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى يېتەرلىك قوغدالمىغانلىقى ئانچە تىلغا ئېلىنماس بولغان.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس 24-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇرۇن مۈشۈك ئېيىق دىپلوماتىيەسى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ۋە تەرەققىيات پروگراممىلىرىنى ئىشقا سېلىپ كەلگەن بولسا، مانا ئەمدى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ھەرىكىتى مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلماقتىكەن.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇلار خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تارتالىسا، يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. مانا بۇ بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي ھازىرقى كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىمۇ بۇرۇنقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇ بۇ كرىزىستا دۇنيانىڭ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي قوللىشىنى سېتىۋېلىشقا تىرىشماقتا».

فىرانسىيەلىك ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيە خولزمان خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەندىشىسى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق ئىكەن. ئۇ 24-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرىنىڭ بىلدۈردى.

مارىيە خولزمان مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن قانۇنلۇق بىر ئەندىشە. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار. بىرىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوز پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇرىدى. ئەلۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ كورونا ۋىرۇسى تارقالغانلىقىنى تاكى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆزلىرىگە ئېيتمىغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. ھالبۇكى، يۇقۇم ئۆتكەن يىلى 11-12-ئايلاردىن باشلاپ تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغان. شۇ سەۋەبلىك يۇقۇم پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. بۇ سادىر قىلىنغان تۇنجى خاتالىق. شۇڭا، بۇنىڭدىن خىتاي خەلقىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئەپسۇسلىنىشى كېرەك».

مارىيە خولزمان خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى جىمجىت قالغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەن. ئۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارىيە خولزمان مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال. ئەلۋەتتە ھازىر بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشقا بەند بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بىزگە مەلۇم بولغاندەك ھازىر ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيەدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. لېكىن بىز يەنىلا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى، چۈنكى ۋىرۇسنىڭ بۇ ئورۇنلارغا تارقىلىپ كېتىشى بەك ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. بەلكىم بۇ مەسىلە ھازىر باش تېما بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال. بۇ ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ».

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، خىتاي شىركەتلىرىگە پايدىلىق رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەت كۈچىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كارخانىلىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىققا رازى بولۇشقا قىستىشى مۇمكىن ئىكەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسە. بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى زور ئادالەتسىزلىك. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىڭىز بەك ئەرزان توختايدۇ. ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر كارخانا بۇ باھادا ئۇلار بىلەن رىقابەت قىلالمايدۇ. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى مەنپەئەتدار بولماقتا. شۇ سەتچىلىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بەلكى خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، دەپ ئەۋەتكەن بۇيۇملار شۇ كارخانىلاردا ئىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن».

يىۋۇدىن يولغا چىققان خىتاي يۈك پويىزى 2 ھەپتىدە ئىسپانىيەگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدىكى ياۋروپا ئەللىرىگە يۈك پويىزىدا ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈم تېببىي لاۋازىمات ياردىمىدۇر.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا قاتنايدىغان يۈك پويىزى بۇرۇن ھەپتىدە بىر قاتنايدىكەن. ھازىر ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغانغا ئۆزگەرتىلگەن.