ئەسكىشەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

6-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەسكىشەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرىيەت كۇلۇبى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، لېكسىيەگە فاكۇلتېت مۇدىرى، ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 100دىن كۆپ كىشى قاتناشقان.

پائالىيەتكە «لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مەدىنە خانىم يېغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

مەدىنە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان سىڭلىسى مەۋلۈدە نازىمىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسى» دا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەيۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ توختالغان. لېكسىيە داۋامىدا مەدىنە خانىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە پائالىيىتىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 6-يانۋار، تۈركىيە.

بىز مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، بىراق زىيارەت تەلىپىمىز رەت قىلىندى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەدىنە خانىم يەنە مەزكۇر يىغىندا خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ئاكادېمىيەلىك ئورگانلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىلمىي ئۇسلۇبتا ئاڭلىتىلىشى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالماقتا. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە شائىر ئامىنە سەدەپ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە ئىلمىي قۇرۇلۇشلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە مەلۇمات ئىگىلەش قىزغىنلىقىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا.