كاترىنا لەنتوس خانىم: «دىنىي-ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىدە خىتاينى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىش كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.07.16
كاترىنا لەنتوس خانىم: «دىنىي-ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىدە خىتاينى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىش كېرەك» «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» دا ئامېرىكا توم لەنتوس فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 14-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
irfsummit.com

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە «2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر مۇنبەرگە قاتناشقان دۆلەت ئەربابلىرى، دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەر دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھوقۇقنىڭ دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەشتى.

14-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە قىسمىدا مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن سام بروۋنبەك ئەپەندى بىلەن كاترىنا لەنتوس خانىم دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە كاترىنا لەنتوس خانىمنىڭ خىتاي ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە دۇنيانىڭ قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكىنى ئەيىبلىشى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

سام بروۋنبەك ئەپەندى دۇنيادىكى دىنىي-ئىتىقادى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ئۇرۇش ۋە زۇلۇملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر دىنىي-ئېتىقاد مەسىلىسى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنسا، دۇنيادىكى مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ۋە ياكى ھېچ كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئۇلغىيىپ ماڭىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت مەلۇم بىر دىن ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. ئەگەر بىر دىنىي توپلۇق يەنە بىر ئاز سانلىق دىنىي توپلۇقنى ياقتۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا زۇلۇم قىلغاندا، ئەگەردە بىز ئاشۇ ئاز سانلىق دىنىي توپلۇقنى قوغدىيالمىساق، ئۇ چاغدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭمۇ ئالدىنى ئالالمايمىز. قاراپ باقساڭلار، يېقىن تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئاساسەن ئاز سانلىق دىنىي توپلۇقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، يەھۇدىيلار، يەزىدىلار ۋە ئۇيغۇرلار. ھەممىسى ئازسانلىق دىنىي توپلۇقلار.»

سام بروۋنبەك ئەپەندى يەنە دىنىي-ئېتىقاد مەسىلىسىنىڭ ھەر قانداق پارتىيە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك خەلقئارالىق مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ مەسىلىگە تار دائىرىدە قاراش كەڭ دائىرىلىك ئەندىشىلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى دۇنيانىڭ ئورتاق ئەندىشىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كاترىنا لەنتوس خانىم رىياسەتچىنىڭ دۇنيادىكى دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ تىزىملىكتە خىتاينى ئەڭ ئالدىغا تىزىمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇلارنىڭ تىبەت بۇددىستلىرىغا قىلغانلىرىنى بىلىمىز. خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ساناپ كەلسەك بەك جىق. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ كۈچىيىشىدۇر. راستىنى ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى، خىتاينىڭ خورىكىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتتى. مېنىڭ سەمىمىي پىكىرىم شۇكى، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاينى بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىش كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «‹قىيامەت كۈنى› دە بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىيدىغىنى بىزنىڭ ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى قانچىلىك كۈچىگەنلىكىمىز بولىدۇ. مەسىلەن، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى پوزىتسىيەمىز، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە ئېتىقادىمىز بىزنىڭ قىممىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ. تارىختىكى ئۆزىنى ‹تەڭداشسىز› سانىغان بارلىق ‹كۈچ› لەرنىڭ ئاقىۋېتىگە قاراپ باقايلى. مەن خىتاينى دۇنيا پەرەز قىلغاندەك ئۇنچە ‹كۈچلۈك› دەپ قارىمايمەن. ھەرقانداق بىر ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدىكى رەزىل دىكتاتور ھاكىمىيەت كۈچلۈك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاجىز.»

مەزكۇر مۇنبەرگە يۇقىرىقى مۇنازىرە يىغىنىدىن كېيىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئېكران ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەل كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ئۇ ئىنسان بولۇشىمىزنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنى ئەركىن پىكىر قىلىش، ئىنسانىي غورۇرىمىز بىلەن ياشاش، روھىيىتىمىز خالىغان دىنغا ئېشىنىش ۋە ئېتىقادىمىزنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكى ۋە بۇلارنى ئاشكارا ۋە ياكى يوشۇرۇن ئىپادىلەش ئەركىنلىكى قاتارلىقلار ھاياتىمىزنى مەنىلىك قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزلىرى تاللىغان دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر مۇنبەرگە قاتناشقان ھەر بىرىڭلارنى قوللايدۇ ۋە دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشتا باشچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇنبەر ئۆتكۈزۈلگەن مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس كېچىك كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇنبەر ۋە بۇ مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق چوڭ بىر مۇنبەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلۇشى تېخىمۇ كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ، دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى قولغا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.