2012-يىلدىن 2022-يىلغىچە خىتاي باش مىنىستىرى بولغان لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمى نۆۋەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پۇقرالىرى كەڭ كۆلەمدە لى كېچياڭنى «خەلقنىڭ ئەمەلدارى» دەپ ئۇنىڭغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈرگەن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا لى كېچياڭ ئۆلۈپ 18 سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاتالغان رەسمىي تەزىيەنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، تەزىيەنامىدىكى ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھا ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىچكى مەسىلىلەر تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇپىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئۇنىڭ يۇرتى، ئۆلكە باشلىقى بولغان خېنەن ئۆلكىسى ھەتتا ئۇنىڭ ئوقۇغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردا ھەر خىل شەكىلدە كەڭ دائىرىلىك ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ لى كېچياڭنىڭ قانداقتۇر بىر «خەلقنىڭ ياخشى ئەمەلدارى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇپىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈشنى ماھىيەتتە، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر پۇرسەت سۈپىتىدە قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.
«ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغانلىقىنى كۆردۇق. ئەلۋەتتە، كىشىلەر ئارىسىدىكى بۇ خىل ئىنكاس نۇرغۇن تەرەپلەرنى ۋە ئوخشىمىغان قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى كىشىلەر لى كېچياڭنىڭ 60 نەچچە يېشىدىلا ئۆلۈپ كېتىشىگە قارىتا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈلمىگەن بىر بەختسىزلىك دەپ ناھايىتى ئاددىيلا ئويلايدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەر بۇنى بىر پۇرسەت دەپ قاراپ، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى تەزىيە-خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى ۋە شى جىنپىڭنى تېخىمۇ دادىل ھالدا تەنقىدلەيدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى ھازىر ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ تەزىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئەلۋەتتە، كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئىلگىرىكى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى قوزغالغان ‹تيەنئەنمېن ۋەقەسى› گە ئوخشاش چوڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىدىغان بىر دېموكراتىك ھەرىكەتكە ئايلىنىدىغان ياكى ئايلانمايدىغانلىقىنى يەنىلا داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى ئەھۋالدا، بىز لى كېچياڭنىڭ قانداقتۇر خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلغان <قالتىس> ئادەم ئەمەسلىكىنى، مۇشۇ پۇرسەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. »

ھالبۇكى، لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى لى كېچياڭنىڭ خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى مەزگىلىدە، يەنى، 2017-2018 يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىغا 1. 8 مىليون كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارا مەلۇماتتۇر. بۇ ۋەجىدىن لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولالمىدى.
شىۋېتسىيەلىك ژۇرنالىست جوججې ئولسسون ئىلگىرى تىۋىتتېر دەپ ئاتالغان ئىجتىمائىي سۇپا X دا ئۇچۇر يوللاپ: «كىشىلەر لى فامىلىلىكنى ‹خەلقنىڭ ئادىمى› دەپ رومانتىكىلاشتۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى كونترول قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتقان. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ رەھىمسىز تەرىپىنى ‹خىتاي رەئىسى› شى جىنپىڭغا ئوخشاش ئوچۇق كۆرسەتمەيدۇ خالاس. » دەپ يازغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لى كېچياڭنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ۋە بىۋاسىتە قاتناشقۇچىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى رەخىمە مەخمۇت خانىممۇ ئىجتىمائىي سۇپا X دا، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ بۇ سۇپىدا يوللىغان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش لاگېرغا تۇتۇلمىغان يېزا نوپۇسىنى نىشان قىلىدۇ ھەمدە پاختا يىغىش، شوخلا ئۈزۈش ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى ئۈچۈن كۆپ قۇتۇپلۇق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ» دېگەن بۇ جۈملىسىنى نەقىل قىلىپ يوللىغان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان لى كېچياڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كوممۇنىزم خاتىرە فوندىنىڭ خىتاي تەتقىقاتى دىرېكتورى ئادرىئان زېنز ئىجتىمائىي سۇپا X دا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا لى كېچياڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. زېنزنىڭ X دا دېيىشىچە، ئۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى «3 مىليون ئېشىنچا ئەمگەكچى» نىڭ «گەۋدىلىك مەسىلە» پەيدا قىلغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار «زالىملار تەرىپىدىن ئاسانلا پايدىلىنىدۇ» . «ئۇلار چوقۇم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن لى كېچياڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. بىز بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ سانسىزلىغان ئىنسان پاجىئەسى يۈز بەرگەنلىكىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. قانۇنىي نۇقتىدىن، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ۋە بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي رەھبىرى بولۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لى كېچياڭنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا زەھەرلىك سىياسەت بىلەن جىنايەتنى بىرلەشتۈرگەن قارا قولى بار. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق يىغىنلارغا قاتناشقان، يوليورۇق بەرگەن ھەمدە ئۇ ئىقتىسادقا مەسئۇل ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگاندا شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇ قىلغىنىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا، ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان. لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، مۇھىم بولغىنى مالىيە مىنىستىرلىقى لى كېچياڭنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ئۇنىڭ خىتايدىكى ساقچىلارغا چېتىشلىق بىر قاتار ئىشلارغا بىۋاسىتە قاتنىشىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار. بۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىز ھازىر خەلقنىڭ ئامالسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، چۈنكى خەلقنىڭ بۇ تۆمۈر قانلىق سىياسەت ۋە خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يوق. ئەمما لى كېچياڭنى گۇناھىدىن ساقىت قىلىش مەۋجۇت بولمىغان بولمىغان ئىشتۇر. »
دەرۋەقە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىچ يۈزىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.