خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىر سايلىمى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان تەسىرى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى ئاياغلاشتى؛ شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇپ «سايلاندى»؛ خىتاي مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لى چياڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ «سايلاندى».

مەزكۇر يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، ھەر قانداق سىرتقى كۈچنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ لى چىياڭ يېڭى باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم خىتاي ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، كەلگۈسى 5 يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى بۇ يىل 5 پىرسەنتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق قول پوزىتىسىيەسىگە باققاندا، لى چياڭنىڭ ئىپادىسى مۆتىدىل بولۇپ، كۆزەتچىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، يەنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن «بۇ ياقتىن ئوچۇق چىراي ئېچىپ ئۇ ياقتىن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىش، بۇ ياقتىن شەپە بېرىپ ئۇ ياقتىن جۆندەش» تاكتىكىسى دەپ باھالىغان.

تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىختىن بۇيان مۇشۇنداق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدىكى جاڭ جېشى بولسۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ياكى دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت بولسۇن، ھەممىسىگە مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى كەلدى. سىياسەتتە ھىيلە-توزاق قۇرۇش، باشقىلارنى ئالداش خىتاينىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىدىن قالغان ئادەت بولۇپ، بۇلار خىتاي كومپارتىيەسىدە تولۇق مۇجەسسەم بولغان».

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ(سولدا) بىلەن خىتاي باش مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن سايلانغان لى چياڭ خىتاي دۆلەت خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا. 2023-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ(سولدا) بىلەن خىتاي باش مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن سايلانغان لى چياڭ خىتاي دۆلەت خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا. 2023-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ. (AP)

لى چياڭ خىتاينىڭ باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن، چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە سىياسىي رولى توغرۇلۇق ھەر خىل باھا ۋە قىياسلار بېرىلگەن. CNN تورىدا «لى چىياڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلايدۇ» دېيىلگەن بولسا، رويتېرېس ئاگېنتلىقى ۋە BBC تورىدا «لى چياڭ باشتىن ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ ئادىمى، شۇڭا شى جىنپىڭغا گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدۇ» دېيىلگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، لى چياڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېڭى خېلى يۇقىرى بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى مەزگىلىدە تېسلا شىركىتىنى شاڭخەيگە ئېلىپ كىرگەن؛ 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭنى قايىل قىلىپ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان. ئەمما خىتاي كۆزەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، لى چياڭ توغرۇلۇق چىققان بۇ گەپلەرنىڭ بەزىلىرى ئاساسسىز، بەلكىم ئۇ خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

كانادالىق خىتاي يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ: «لى چىياڭنىڭ خىتايدا قانداق رول ئوينىشى مۇھىم ئەمەس، شى جىنپىڭغا كۆرە مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان سادىقلىقى. لى چىياڭنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ شاڭخەيدىكى چاغدا يۇقۇمنى نەچچە ئاي قامال قىلىپ بۇ شەھەرنى مالىمان قىلدى. يۇقىرىغا سادىق بولىمەن دەپ، پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇلارغا قىلچە رەھىم قىلمىدى. دېمەك، بۇنداق ئادەم باش مىنىستىر بولسا يەنە داۋاملىق شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسى بويىچە خىتاينى باشقۇرىدۇ. لى چىياڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرسۇن ياكى دىپلوماتىيەدە نەتىجە قازانسۇن، ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغىنى بەرىبىر شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى. ئەگەر بۇ ھاكىمىيەتتە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بولغان بولسىدى، ماۋۇ ئەمەلدار ماۋۇ ئورۇندا ئىشلىسە خىتايغا پايدىلىق بولاتتى دېيەلەيتتۇق».

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكانىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يېڭى باش مىنىستىرى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 80-يىللاردا خىتاينىڭ باش مىنىستىرلىق ھوقۇقى چوڭ بولۇپ، جاڭ زېمىن دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقان لى پېڭ، جۇ رۇڭجى قاتارلىقلارمۇ خىتاي سىياسىتىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان. خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ۋىن جياباۋنىڭ سىياسىي ئورنى نىسبەتەن تۆۋەن، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا لى كېچياڭنىڭ ئورنى تېخىمۇ تۆۋەن، ھوقۇقى تېخىمۇ كىچىك بولغان. ھازىرقى يېڭى باش مىنىستىر لى چياڭ گەرچە نامدا خىتاينىڭ 2-نومۇرلۇق رەھبىرى بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەكلا شى جىنپىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەمگە ئايلانغان. چۈنكى لى چياڭ ئىلگىرىمۇ شى جىنپىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن بولۇپ، 2005-يىلى جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شى جىنپىڭغا نەچچە يىل كاتىپ بولغان.

شېڭ شۆنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئەسلىدىنلا مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولۇپ، مەيلى كىم ھوقۇق تۇتسۇن ھەممىسى ئوخشاش، پەقەت بەزىلىرى ئىسلاھاتچى، بەزىلىرى مۇتەئەسسىپ، بەزىلىرى ئەقىللىق، بەزىلىرى دۆت كۆرۈنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جاڭ زېمىن دەۋرىدىمۇ نۇرغۇن ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ئۇيغۇرلارمۇ باستۇرۇلدىغۇ؟ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىمۇ نۇرغۇن ئادەم باستۇرۇلدى ھەم ئۆلدىغۇ؟! بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسى تەكرارلاپ كەلگەن ۋەھشىيلىك. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇشقا باشلىدى، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنى كۆرۈپ، ھاكىمىيەتنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى. ئەگەر ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلسە، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەبىت، زوراۋان تەبىئىتى ئۆزگىرەمدۇ؟ بۇنداق بولۇشى ناتايىن. يەنە كېلىپ، مەن لى چىياڭنىڭ شى جىنپىڭ ئىرادىسى، ئىدىيەسى ۋە سىياسىتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆز غايىسى بويىچە ئىش قىلالىشىغا ئىشەنمەيمەن».

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا شەكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىغا بىرەر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەنە داۋاملىشامدۇ؟ ئانالىزچى ما جۈ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق نەتىجە بېرىۋاتقان باسقۇچقا كىردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، ھەممە نېمىسىنى يوقىتىپ بىر يەرگە باردى. ئۇيغۇر سەر خىللىرى تامامەن يوق قىلىندى. بىر مىللەتنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭ سەر خىللىرىنى يوقىتىش. خىتاي بۇ مەقسىتىگە ئاساسەن يەتتى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدىغان لى چىياڭنى باش مىنىستىر قىلدى، سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن تەشكىل تاپتى. مەن ئىشىنىمەنكى، لى چىياڭمۇ شى جىنپىڭ بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، كىشىلەر ما شىڭرۈينى شىنجاڭغا بارسا سىياسەت ئۆزگىرىدۇ، دەپ ئويلىۋالغانىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولماقتا يوق، زۇلۇم تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم، خام خىيالنى قويۇپ شى جىنپىڭ بىلەن كۈرەش قىلايلى».

14-مارت كۈنى «دىپلومات» تورىدا چىققان ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر يېڭى باش مىنىستىر لى چياڭغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۆز تىكىۋاتقانلار بولغىنىدەك، ئۇنىڭ پەقەت شى جىنپىڭنىڭ كۆلەڭگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. خىتاينىڭ ئىقتىسادى چۆكۈۋاتقان، خەلقئارا ئوبزارى ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە شى جىنپىڭ ئىقتىسادنى لى چياڭغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى تۇتۇشى مۇمكىن ئىكەن.