خىتاي لىتۋانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن

0:00 / 0:00

مانتاس ئادومېناس: «لىتۋانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەب بولدى».

لىتۋا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ لىتۋادا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 10-ئاۋغۇست لىتۋادىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە لىتۋانىڭمۇ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ دىپلوماتىك سۈركۈلۈش ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە كىچىك لىتۋانىڭ 1 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتى» سۈپىتىدە زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولماقتا.

11-ئاۋغۇست «ئەركىنلىك گېزىتى» ئېلان قىلغان «خوڭكوڭنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش: لىتۋانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ھالقىلىق ئامىللارنى ئاشكارىلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لىتۋا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كىرىزىسكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، لىتۋانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مانتاس ئادومېناس تۆنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بۇ ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن خوڭكوڭدىكى «تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنى» غا قارشى ھەرىكەتنىڭ باستۇرۇلىشى بولغان. مانتاس ئادومېناس بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «لىتۋانىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن خوڭكوڭدىكى ‹تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش› كە قارشى ھەرىكەتكە ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلىق. لىتۋا بىر كىچىك دۆلەت، قانۇنغا ۋە دېموكراتىيەگە تايانغاندىلا، ئاندىن ئۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ».

مانتاس ئادومېناسنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى خوڭكوڭدا «تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش» كە قارشى ھەرىكەت يۈز بەرگەندە، بىر قىسىم لىتۋالىق كىشىلەر ۋىلنىيۇستا خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاپ نامايىش قىلغان. شۇ كۈنى خىتاينىڭ لىتۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن لىتۋادا ياشايدىغان بىر بۆلۈك خىتايلارمۇ كوچىغا چىقىپ، خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاپ نامايىش قىلغۇچىلارغا قارشى نامايىش قىلغان. بۇ ھادىسە لىتۋا خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ھەمدە لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرغان. لىتۋا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ لىتۋادىكى تەسىرىگە شۇنىڭدىن باشلاپ دىققەت قىلغان، لىتۋا جەمئىيىتىدىمۇ خىتايغا قارشى كەيپىيات بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، لىتۋادا جىددىي تېما ھالىغا كەلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2019-يىلى لىتۋادا يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن كېيىنلا، خىتاي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشكەن. ھۆكۈمەت تۇنجى بولۇپ بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپانى پارچىلاش مەقسىتىدە 2012-يىلى قۇرۇپ چىققان 17+1 ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئوتتۇرا ھەم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بۇ ئىتتىپاقتىن بىرلىكتە ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 5-ئايدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىپ، خىتايدىن ئۇزاقلىشىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، غەرب قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتا ئۆزئارا بىرلىكنى كۈچەيتىپ، خىتايغا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلغان. بۇ نۆۋەت تەيۋەننى يۆلەپ، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تىكلەش قەدىمىنى باسقان.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت گويا «پىلىكى تارتىلمىغان بومبا» غا ئوخشاش بولۇپ، قىممەت قاراشلىرىدىكى پەرقلەر سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ «بومبا» ھامان بىر كۈنى پارتلايدىكەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، لىتۋا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى سىياسىي بېسىم ئورنىدا قوللىنىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلاشقان. ئۇلار خىتاي بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتايغا يۆلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەنگەن. تەيۋەندىن ئىبارەت 1971-يىلىغىچە ب د ت دا خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن، ھازىر دۇنيادا ئاران 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان بۇ دېموكراتىك يېتىم دۆلەتنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش قارارىغا كەلگەن. تەيۋەنگە ۋىرۇسقا قارشى 20 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا ھەدىيە قىلىپ، خىتاينىڭ تېخىمۇ جېنىغا تەگكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر زاماندا لىتۋانىڭ دادىل ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ، خىتايغا قارشى مەيدادىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلغانلىقىنىڭ زور بىر تارىخىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى، لىتۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ جاسارىتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «بېيجىڭنىڭ قىزىل سىزىقىدىن قورقماسلىق» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدا بايان قىلىنىشىچە، لىتۋانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى گابرىلىيۇس لاندىسبېرگس 10-ئاۋغۇست رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى يولىدا مەزمۇت ماڭىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «لىتۋا ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ يالغۇز لىتۋانىڭلا سىياسىتى ئەمەس، كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىدۇر،» دېگەن. ئۇ يەنە: «بىز خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ياۋروپاغا قانداق تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

ئەسەردە مەركىزى بېرلىندىكى مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كۇفى خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئىپادە قىلىشىچە، لىتۋا يېقىنقى بىر-ئىككى ئايدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتايغا قارشى تەشۋىقاتنى «شىددەت بىلەن كۈچەيتكەن». خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا لىتۋانىڭ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ قېلىشىدىن ساراسىمغا چۈشكەن. چۈنكى، گوللاندىيە، بېلگىيە، چېخىيەگە ئوخشاش «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە لىتۋا باسقان قەدەمنى بېسىش ئېھتىمالى كۈچلۈككەن ھەمدە بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.