لىتۋانىڭ جاسارىتى ۋە ياۋروپانىڭ ھەيرانلىقى

0:00 / 0:00

لىتۋانىڭ خىتاي قۇرغان 17 + 1 مۇنبىرىدىن چېكىنىپ، خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىشى ياۋروپالىقلارنى ھەيران قالدۇرغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ ئوبزورچىسى كونىستانتىن ئېگگېرتنىڭ قەلىمى بىلەن 6-ئاپرىل ئېلان قىلىنغان «لىتۋا خىتايغا جەڭ ئېلان قىلدى، گەرچە خەتەر چوڭ بولسىمۇ، بۇ يەنىلا ئاقىلانە ھەرىكەت» ناملىق ئوبزور دىققەت قوزغىماقتا.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، لىتۋا جۇمھۇرىيىتى بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى رەت قىلىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى قۇرۇپ چىققان 17 + 1 مۇنبىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىتۋا پارلامېنتى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى»، 22-ئاپرىل لىتۋا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ئوبزوردا ئەسكەرتىلىشىچە، لىتۋا جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي مۇستەبىتلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئوچۇق ئاشكارىلىغان. لىتۋانىڭ بۇ قارارى پۈتۈن ياۋروپانى ھەيران قالدۇرغان. بولۇپمۇ ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بەزى غەرب دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ ھەيران قىلغان.

ئوبزور مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17 + 1 قارىماققا شەرقىي ياۋروپا، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدىكى 17 دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان بىر مۇنبىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدە ئۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان بىرلىكى ئىكەن. لىتۋانىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىش قارارى مۇقەررەر ھالدا شى جىنپىڭنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىكەن ۋە خىتاينىڭ لىتۋاغا قارشى جازا يۈرگۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لىتۋا جۇمھۇرىيىتى بۇ سەۋەبلىك خېلى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدىكەن. ئەمما لىتۋا بۇ بەدەلنى تۆلەشكە رازى بولغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى زاماندا سوۋېت كوممۇنىزىمىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن. گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىشىچە، لىتۋانىڭ بۇ قارارىنى كۆرگەن ياۋروپالىقلار «نوپۇسى 3 مىليونغا يەتمەيدىغان، خەلقى ئوتتۇراھال تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشايدىغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەم روسىيەگە، ھەم خىتايغا قارشى بۇقەدەر جاسارەت كۆرسىتەلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىل نېمە؟» دېگەن سۇئالنى سورىماي تۇرالمايدىكەن.

ئوبزوردا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈچۈن لىتۋانىڭ تارىخىنى ۋاراقلاش ئۇيغۇن كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1940-يىلى لىتۋا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. لىتۋالىقلار ستالىننىڭ زۇلۇمىنى يەتكىچە تارتقان. لىتۋالىقلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇستەبىتلىكتىن يىرگىنىدىغان كۈچلۈك بىر خاراكتېر ئەنە شۇ زامانلاردا يېتىلگەن. 1990-يىلى 11-مارت لىتۋا مۇستەقىل بولغان. لىتۋا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھازىرغىچە دۇنيادىكى مۇستەبىتلىكلەرگە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغاندا ۋە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قوزغىغاندا لىتۋا جۇمھۇرىيىتى ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرغان. لىتۋالىقلار ئۇكرائىنالىقلارغا قورال-ياراق، ئوق-دورا، سەھىيە بويۇملىرى ھەمدە تۇرمۇش بويۇملىرى ياردەم قىلىپ، پۇتىنغا بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار يەنە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشكىمۇ ياردەملەشكەن. لىتۋا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەھدىتىگە قارشى مەيدانى مۇستەھكەم بىر دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن يىرگىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان لىتۋا جۇمھۇرىيىتى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىدىنمۇ يىرگىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرمەكچى بولغان. ئوبزور مۇنداق جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «خىتاينىڭ تەھدىتلىرى سەۋەبلىك ماددىي مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىغا قارىماي لىتۋانىڭ ئۆز ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرەنمەسلىكى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئاز كۆرۈلىدىغان قىممەتلىك بىر ئۈلگىنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر».

لىتۋانىڭ بۇ قارارىدىن مەمنۇن بولغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن غەرب دۇنياسىدا بۇندىن كېيىن خىتايغا قارشى تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدىكەن.