13-مارت ئاسىيا سەپىرىنى باشلىغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن مەزكۇر سەپەر ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارشى «ئىشەنچلىك تەھدىت» بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لويد ئوستىن بۇ نۆۋەت ياپونىيە، كورېيە ۋە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ سەپىرىنى ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ھەربىي قوماندانلىق شتابى جايلاشقان ھاۋاي شتاتىدىن باشلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئۇ ھاۋاي شتاتىغا قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلاندا ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزگە تىز سۈرەتتە كۈچىيىۋاتقان تەھدىت. بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايغا ياكى ئامېرىكا بىلەن تۇتۇشماقچى بولغان ھەرقانداق بىرىگە قارشى ئىشەنچلىك تەھدىت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدار، مەشغۇلات پىلانى ۋە ئۇقۇملىرىمىزنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.»
مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ توكيو ۋە سېئۇلغا قىلغان سەپىرىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ قاتنىشىدىكەن.
لويد ئوستىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مەن قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىشكە باشلاش.»
بىللىنكېن 18-مارت پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى ياڭ جيېچى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئالياسكا شتاتىدا كۆرۈشىدۇ.