نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەنىڭ لوكارنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى داۋام قىلماقتا. 13-ئاۋغۇست كۈنى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە يەرلىك شىۋېتسارىيەلىكلەردىن تەشكىللەنگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
13-ئاۋغۇست كۈنى، خىتاي رېژىسسور چىڭ چۈن ئىشلىگەن شاڭخەي ئەتراپىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى ۋە ئۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم توغرىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لوكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى، تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر، ئۇچىسىغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىلىك»، «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ، قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. نەق مەيداندىكى بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاي فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن خىتايلارنى ساراسىمىگە سالدى.

لوكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ۋىكتورىيە نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«بىز بۈگۈن بۇ يەردە ئۆتكۈزۈۋاتقان پائالىيىتىمىزنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدۇق. لوكارنو فىلىم فېستىۋالى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ۋە شۇنداقلا تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن فېستىۋاللارنىڭ بىرىدۇر. بىز بۇ يەردە ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئاۋازىنى بۇ فېستىۋال ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. شۇنداقلا تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشكە، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە شىۋېتسارىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان مۇھىم بىر تېما ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. »
خىتاي رېژىسسور چىڭ چۈن بۇ فىلىمىدە خىتاي ئىشچىلارنىڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىك خىزمەت شارائىتى، مەينەتچىلىككە تولغان زاۋۇت مۇھىتى، شۇنداقلا جاپا-مۇشەققەتلىك ئىش ھاياتىنى تەسۋىرلەشكە يېتەرلىك ئورۇن بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ھېچقانداق ئورۇن بەرمىگەن ئىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىدىن گۈلنىسا تۇرسۇن، خىتاي رېژىسسوردىن بۇ فىلىمدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئورۇن بەرمىگەنلىكى توغرىلىق سوئال قويدى:
«سىزنىڭ فىلىمىڭىز ھەقىقەتەن خىتايدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپتۇ، ئەمما مېنى ھەيران قالدۇرغىنى خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك سانائىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. لېكىن سىزنىڭ بۇ فىلىمىڭىزدە بۇنىڭغا نېمىشقا ئۇرۇن بېرىلمىدى؟ »
بۇ ھەل قىلغۇچ سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ كامېرالىرى بۇ سوئالنى سورىغۇچى ئۇيغۇر قىزىغا توغرىلانغان ئىدى.
گۈلنىسانىڭ بۇ سوئالى خىتاي رېژىسسور ۋە ئۇنىڭ تەرجىمانىنى خېلىلا تەرلەتتى
گۈلنىسانىڭ سوئالىغا خىتاي رېژىسسور ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى شاڭخەي ئەتراپىدىكى يەرلەردە سۈرەتكە ئالغانلىقىنى، بۇ يەردە ئاساسلىقى يۈننەن ۋە باشقا يەرلەردىن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ياكى ئۇيغۇر، تىبەت ئىشلەمچىلەرنى كۆرمىگەنلىكى ئېيتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. نەق مەيداندا باشقىمۇ سوئال سورىغۇچىلار ئۇنىڭغا «سىز پۈتۈن دۇنيا كۆرگەن بۇ ئەھۋالنى نەق مەيدان تۇرۇپ نېمىشقا كۆرمىدىڭىز؟ » دەپ ئارقا-ئارقىدىن سوئال قويۇشتى. بۇ ۋاقىتتا يىغىن باشقۇرغۇچى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رېژىسسورنى بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قاچۇردى.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا گۈلنىسا تۇرسۇن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىرقانچە كۈندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي رېژىسسور ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمغا قارىتا كۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.
بۇ فىلىم فېستىۋالىغا ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترىيە، گېرمانىيەدىكى ئەزالىرىدىن ئونغا يېقىن ياش كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ميۇنخېندىن كەلگەن ئەنسار بىلەن ئاۋسترىيەدىن كەلگەن مىرئادىلمۇ بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىغا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەردىن بولغان ياشلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل پائالىيەتلەر، خەلقنى جەلپ قىلىدىغان سوئال-جاۋابلار ۋە تىياتىرلار ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن گېرمانىيەدىن كەلگەن لىلى ئىسىملىك گېرمان قىزىمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن لىلى، گېرمانىيەدىن كەلدىم، ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىمەن. بىز بۇ نەچچە كۈندىن بېرى لوكارنو فىلىم فېستىۋالى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە تىراگېدىيەلەرنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىشتۇر. نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيىتىمىزنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ئاڭلىشى بىلەنلا، ‹ھە بىلىمىز، خىتاي ئۇ يەردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ› دېگەن جاۋابنى بەردى» .

لوكارنو فىلىم فېستىۋالى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1946-يىلى تەسىس قىلىنغان. بۇ فىلىم فېستىۋالى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، سەنئەت ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئاۋازىنى بولۇشنى ئاساسلىق تېما قىلغان.
بۇ فېستىۋالنىڭ 14-كۈنىدە شىۋېتسارىيە-خىتاي سودا ئۇيۇشمىسى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى قويىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە شىۋېتسارىيەلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر فېستىۋال مەيدانىدا داۋاملىق نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.