ئەنگلىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «بىر دۇنيا ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ تىبەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
نامايىشقا بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىشقا قاتنىشىپ باقمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپ، 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم 1-ئاينىڭ 19-كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتايغا قارشى نامايىشنىڭ مەقسىتىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
مەزكۇر نامايىشقا لوندوندا تونۇلغان 2 ئىمام، بىر خرىستىئان پوپ، كۆپ ساندا يەھۇدىي پائالىيەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
رەھىمە مەخمۇت خانىم يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ بىرلىشىپ ئەنگلىيە باش مىنىستىرىغا مەكتۇپ يازغانلىقىنى، نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، كىشىلەرگە ئۈمىد بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، لوندوندا بۇرۇندىن تارتىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ نامايىشلار ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتىكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىمۇ بەزى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» نامىدا بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ، ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇرغان ئىدى. بۇ نامايىشلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى. ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى كېرەم زاھىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىشقا 500 دىن كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇ ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ نامايىشلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 2019-يىل 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان ئىدى. سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00