لوندون SOAS ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ تۆھپىلىرى شەرىپىگە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى
2024.09.10
ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) دا، 4-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، مەخسۇس يەنە خەلقئارادىكى ئوخشىمىغان ساھەلەردە نەتىجە ياراتقان ۋە ئالاھىدە تۆھپىلەر قوشقان يەتتە نەپەر داڭلىق شەخسكە پەخرىي ئۇنۋان بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئالاھىدە ئۇنۋانغا ئېرىشكەن شەخسلەرنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى. ئۇنىڭغا ئەدەبىيات پەنلىرى پەخرىي دوكتورىلىق ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا ئۇنىڭ ھەققىدە قىسقىچە مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان: «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيە پىروفېسسورى راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىسرالىرى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئىنسانشۇناسلىرى ۋە فولكلور تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەشتىكى ئالاھىدە خىزمەتلىرى ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەرەپلىك ئۇنۋان تەقدىم قىلىندى. پىروفېسسور داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭدىكى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› قا زەربە بېرىش جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ئۇ ھازىر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.»
مەزكۇر مۇكاپاتلاش مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئالىمى راھىلە داۋۇتنىڭ شەرەپ سەھنىسىدىكى ئورنى بوش قالغان بولسىمۇ، راھىلە داۋۇتقا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات بۇ شەرەپلىك ئۇنۋاننى قوبۇل قىلىپ، مىننەتدارلىقىنى ۋىدىيولۇق نۇتقى ئارقىلىق يەتكۈزگەن. ئۇ مۇراسىم ئەھلىنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن:
«ئاپام راھىلە داۋۇت تۈرمىگە قامالغىنىغا 5 يىلدىن ئاشتى. ئاپام بۈگۈن پەخىرلىك ھالدا بۇ شەرەپكە ئىگە بولدى، ئەمما تۈرمىدىكى ئاپام ئۆزىنىڭ جاپالىق تەتقىقات ۋە خىزمەتلىرىنىڭ بۇ شەرەپلىك ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ھالدا. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەسپىي ئۇتۇقلىرىنى ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن تەڭ تەبرىكلىيەلمەيدۇ. مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىپ، ئېرىشكەن شەرەپلىرىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈشىنى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى تىلەپ كەلمەكتىمەن. ئاپامغا بۇ شەرەپنى لايىق كۆرگەنلىكىڭلار ۋە ئاپامنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇنى قوللاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان ھەر بىرىڭلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى جەريانىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر كەسىپتە يېتىشىپ چىققان، كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىم ئادەملىرى ۋە زىيالىيلار ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان توپلۇق سۈپىتىدە، دۇنيادا دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 2017-يىلىدىن بۇيان ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئەنە شۇلاردىن بىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان فولكلور ۋە ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىس راھىلە داۋۇت ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دوكتور راھىلە داۋۇتقا «بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتىنى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى نامەلۇم.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە پەخرى دوكتورلۇق شەرىپى بېرىلىش ئىلتىماسىنى سۇنغۇچى، پىروفېسسور رايچىل خاررىس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ راھىلە داۋۇتقا بۇ شەرەپلىك ئۇنۋاننى تەقدىم ئەتكىنىدىن خۇشال بولدۇم. خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەسىرى زور بولغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋە ئۇنى تونۇپ راھىلەگە بۇ ئۇنۋاننى تەقدىم قىلىشى ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا بۇ، ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى دەپ قارايمەن، چۈنكى راھىلە مەن بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان بىر تەتقىقاتچى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بۇ ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش مەسئۇلىيىتى بار.»
راھىلە داۋۇتنىڭ كەسىپدىشى ۋە دوستى بولغان ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى رايچىل خاررىس خانىم، راھىلە داۋۇت تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ئەمگەكلىرىنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە يەنىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى.
رايچىل خاررىس خانىم لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) غا سۇنغان ئىلتىماسىدا، راھىلەنىڭ SOAS رەھبەرلىك قىلغان تەتقىقاتقا قاتنىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان:
«راھىلە ئۇيغۇر دىنىي ئەنئەنىلىرى ھەققىدە تەڭداشسىز ئېتنوگرافىيە سىنلىرى، رەسىملەر ۋە ھۆججەتلەرنى توپلىدى. بۇ يەردە، يەنى SOAS دا بىز يەنە خەلقئارالىق مەدەنىيەت ساھەلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ توپلىمىنى توغرا ئارخىپلاشتۇرۇپ ۋە توردا ئاشكارىلاپ، بۇ مول مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىمىسىنى يوقىتىپ قويمايمىز، مەن پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئەدەبىيات پەنلىرى پەخرىي دوكتورىلىق ئۇنۋانى تەقدىم ئېتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
رايچىل خاررىس خانىم راھىلە داۋۇتقا بېرىلگەن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن SOAS قا، راھىلە داۋۇتقا بۇ ئۇنۋاننىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوست ۋە كەسپىي ھەمكارلىق ئورناتقان بىر شەخس بولۇش سۈپىتىم بىلەنمۇ شۇنداق قىلىش بۇرچۇم بار. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى بىلىشى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىر سەۋەب بولسا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئادالەتسىزلىك بىلەن ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا سىمۋول بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بېرىلگەن شەرەپ پەقەت بىرلا شەخسكە خاس بولماستىن، بەلكى بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ نۇرغۇنلىغان زىيالىيلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرى ۋە جازالىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش ئەھمىيەتكە ئىگە.»
بۇلتۇر يەنى 2023-يىلى 9-ئايدا، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەزملەشكەن پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغانىدى.
ئۇلار باياناتىدا، «ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن كەڭ تونۇلغان پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) بىلەن بىر قىسىم تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەمكارلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسى ئېرىشكەن قوللاش ۋە شەرەپلەردىن پەخىرلەنگەن بولسىمۇ، كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى يوشۇرالمىدى. ئۇ بۇ شەرەپنىڭ ئاپىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېلگىيە «بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» تەرىپىدىن 2023-يىلى 15-دېكابىردا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنىدى. راھىلە داۋۇتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى 2001-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرى، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. راھىلە داۋۇت بۇلتۇر يەنە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق «جاسارەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە راھىلەنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلەر لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) تەرىپىدىن راھىلە داۋۇتقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكىنى ئالقىشلىغان بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇلار بۇ خىل ئېتىراپ قىلىنىشلارنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە رول ئوينىشىنى كۈتمەكتە.