18-فېۋرال كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى لەيكەستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
لەيكەستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقا دۆلەتلەردە بولغىنىدەك ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن كۈچەيگەن.
رەھىمە مەخمۇت خانىم ئەنگلىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى يىغىنلاردا ئاساسلىقى «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچىۋالا ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن تېمىلاردا سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لوندوندىكى لەيكەستەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئاندىن 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى تارىخىي جەريانلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى قىسمى سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئەھلى نۇقتىلىق ھالدا ئۇنىڭدىن خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلامدۇ؟ ئەنگلىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ، دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان. راھىمە مەخمۇت خانىم بۇ توغرىلىقمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
راھىمە مەخمۇت خانىم لوندوندىكى لەيىكەستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى روسا چەرنېۋا ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا كىشىلەر قاتنىشىپتۇ. دوكلات بېرىش يىغىنى 2-3 سائەت داۋاملاشتى. رەھىمە مەخمۇت خانىم ناھايىتى تەسىرلىك دوكلات بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى. كېيىن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2019-يىلى 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان ئىدى. راھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلى ئىچىدە ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن.
0:00 / 0:00