«ئۇيغۇرلارغا كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ قويۇڭلار» شوئارى لوندوننى لەرزىگە سالدى

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 13‏-كۈنى ئەنگلىيەدىكى 50 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى «21-ئەسىردىكى ئىسلام» (Islam21c) ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىدە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان. ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن «Stand4Uyghurs» خېتى يېزىلغان ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن كۆك مايكىلارنى كىيىپ چىققان نامايىشچىلار پىيادە ۋە ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق لوندون كوچىلىرىنى كۆك رەڭگە كىرگۈزگەن. ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا توۋلانغان «ئۇيغۇرلارغا كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ قويۇڭلار، لا ئىلاھە ئىللەللاھ» شوئارلىرى لوندون كوچىلرىنى لەرزىگە سالغان.

مەزكۇر تەشكىلات تور بېتىنىڭ مۇھەررىرى دوكتور سالمان بات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ نامايىش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداقلا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. دوكتور سالمان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەلىپىمىز ناھايىتى ئېنىق، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىسۇن، مەسچىتلەرنى ئاچسۇن».

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز نۇرئىماننىڭ دوكتور سالمان بات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.