NPR رادىيوسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى مىسال قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا جالاشقان لوپنۇر يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مەزكۇر يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەركىزىگە يېڭى تونېل قېزىشقا ۋە يېڭى يوللار ياساشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خۇسۇسىي جۇغراپىيەلىك ئانالىز شىركىتى-AllSource Analysis «يەرشارى» نامىلىق سانائەت سۈنئىي ھەمراھشىركىتى تەمىنلىگەن سۈرەتلەرگە ئاساسەن بۇ ھەقتىكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر ئانالىز شىركىتىنىڭ ئانالىز ۋە مەشغۇلات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رېننىي بابارز: «بۇ ئىلگىرى يادرو سىنىقى پائالىيىتى ئۈچۈن پايدىلىنىلغان رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان يېڭى قۇرۇلۇشتۇر،» دېگەن. ئەمما ئۇ يەنە، بۇ تونېلنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
خىتاي 1997-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى باشقا ئاساسلىق يادرو كۈچلىرىگە ئەگىشىپ يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ شۇندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقى ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، يادرو قوراللىرىنىڭ يادروسىز زاپچاسلىرىنى سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964-يىلدىن 1997-يىلغىچە لوپنۇردا 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇ سىناق جەريانىدا تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەر خىل غەيرىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى باھاردا ئۇيغۇر رايونىدا مەخپىي ھالدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.