لوس ئانجېلىستىكى ئۇيغۇرلار كىتاب يەرمەنكىسىدە ھېسداشلىق قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، لوس ئانجېلىستەك تۈرلۈك خەلقئارالىق مەدەنىي، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئالاھىدە داڭلىق شەھەرنىڭ ھەر تۈرلۈك پۇرسەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشقا قولدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لوس ئانجېلىستا ياشاۋاتقان ئون نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇپ تەييارلىق كۆرۈشى بىلەن، 13 ۋە 14-فېۋرال كۈنلىرى لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب يەرمەنكىسىگە «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان بىر بوتكا ئېچىلغان. بوتكىغا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى سۈپىتىدە، ھەر خىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ مودېللىرى قاتارلىقلارمۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇلار يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان باشقا نەچچە يۈزلىگەن كىتاب بوتكىلىرىدىن بەكرەك كۆزگە چېلىقىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.

مەزكۇر كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇچىلاردىن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان لوس ئانجېلىس شەھىرىدە ياشاۋاتقان نۇرنىسا قۇربان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە گەرچە ئۆزىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ چوڭ كىتاب يەرمەنكىسىگە دائىم قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇنجى قېتىم بۇ يەرمەنكىدىن ئورۇن ئېلىشى ئىكەن.

نۇرنىسا خانىم يەنە، ۋەتىنىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىللەردە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، بۇ يەرمەنكىنىڭمۇ دەل شۇنداق مەقسەتتە ئېلىپ-بېرىلغانلىقى شۇنداقلا ئۆزلىرى كۈتكەندەك ئىنكاسلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ كىتاب يەرمەنكىسىگە 100 مىڭدىن 150 مىڭغىچە ئادەم قاتناشقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. ئۇيغۇرلار يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلارغا ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇيغۇرلار ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلار پەقەت ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق دوستلىرىمۇ ئۇلارغا خالىس ياردەمدە بولغان. ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېسداشلىق قوزغاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرگەن، بىر ئامېرىكىلىق خانىمدىن نېمە سەۋەبتىن بۇ كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن «مەن ئۇيغۇر دوستلۇرۇمنى سۆيۈمەن، ئۇيغۇرلارنى سۆيىمەن» دەپ سۆزىنى باشلىدى.

بۇ خانىم يەنە «ئۇيغۇرلار بۇنچە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان پەيتتە، ئۇلار مېھرى-شەپقەت ۋە ياردەمگە ئەڭ موھتاج ۋاقتىدا ئۇلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم، ھەربىر ئىنساننىڭ بۇرچى. يەرمەنكە جەريانىدا ئەپسۇسكى نۇرغۇن ئادەم ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، دېمەك يەنىمۇ كەڭ ئاڭلىتىش كېرەك، مېنىڭچە مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ھەر قانداق پائالىيەت سورۇنى بىر پۇرسەت. ھەر قانداق بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش بىر نەتىجە. بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ پاجىئەنى، مەسىلىنىڭ جىددىي ۋە ئېغىرلىقىنى توختىماي ئاڭلىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قوزغاش پائالىيىتىگە قاتناشقان بۇ خانىم يەنە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ، ئۆز ئائىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرغان شارائىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدەك پىداكارلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكى ۋە ئىلھام ئالغانلىقىنى، ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمەت ۋە قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.